مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىككى قىرغاقتىكى ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2023.09.19 23:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ لياڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فۇجيەن-تەيۋەن ئىككى جاينىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى تۇتاشتۇرىدىغان قۇرۇلۇشنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارى ھازىرلاندى، ئىككى قىرغاقتىكى ھەر ساھەنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇشنى كۈتكىنىگە ئۇزۇن بولدى، بىز ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى قىرغاقتىكى ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي كومىتېت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەن شيەنجاڭ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ لياڭ، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لو دۇڭچۈەننى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ فۇجيەننىڭ دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاش، ئىككى قىرغاقنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈلگە رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)گە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇش ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  سۇڭ لياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چوڭ قۇرۇقلۇق تۈرلىرى تولۇق، سىستېمىسى مۇكەممەل ۋە رىقابەت كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان كەسىپ سىستېمىسىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ شەكىللەندۈردى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، نېفىت خىمىيە سانائىتى، ماشىنا-جابدۇق، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ كۆلىمى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىغا ئوخشاش ماس كېلىدىغان قوللاش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ فۇجيەننىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، نېفىت خىمىيە سانائىتى، زامانىۋى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى تېببىي دورا قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىنى قوللاپ، دېڭىز بوغۇزى رايونىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.

  سۇڭ لياڭ مۇنداق دېدى: تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ پائال قاتنىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە فۇجيەننىڭ ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىقتىسادىنى ئورتاق زورايتىپ، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ