مۇھىم خەۋەرلەر

«ۋاكالىتەن تىللاش» ئەمەلىيەتتە تور زوراۋانلىقى

2023.09.19 23:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى دىققەتنى تور زوراۋانلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تور ئەھلىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش، تور ئېكولوگىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تور زوراۋانلىقى ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقارغۇچىلار، بىرىنچى بولۇپ تارقاتقۇچىلار ۋە قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، تور زوراۋانلىقى ناچار كەيپىياتىنى قەتئىي توستى.

  ئادەتتە بىز ۋاكالىتەن بېجىرىش، ۋاكالىتەن ھەيدەش، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغان. ئۇنداقتا ۋاكالىتەن تىللاش دېگەن نېمە؟

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ۋاكالەتچىلىك ئىقتىسادى» تېز تەرەققىي قىلدى. ھەم ۋاقىت تېجەپ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىغان ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «ۋاكالەتچىلىك ئىقتىسادى» جەمئىيەتتە ياخشى رول ئوينىدى.

  ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ ئورنىدا سۆزلەشنى مەقسەت قىلغان «ھەقلىق ۋاكالىتەن تىللاش» كەسپىمۇ بىردىنلا پەيدا بولدى، بۇ ئاقامدۇ؟

  «ھەقلىق ۋاكالىتەن تىللاش» دېگەن نېمە؟

  دائىم ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى ياكى سودا تۈرىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا «كەسپىي تىللاش»، «ۋاكالىتەن تىللاش» قاتارلىق بەلگىلەر پەيدا بولىدۇ، «تىللىغۇچىلارنى ياللىغۇچىلار» بەلگىلىك باھادا «گۇپپاڭچى» ياللاپ، ھۇجۇم ئوبيېكتىنى ھاقارەتلەيدۇ، تىللاش قىلمىشىنىڭ سۇبيېكتىپ يامان غەرىزى بىر قەدەر كۈچلۈك، ھەرىكەت تەسىرى يامان بولىدۇ.

  تىل-يېزىق ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدا ئالىدىغان بۇ خىل قىلمىش تور بوشلۇقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، تور زوراۋانلىقىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ھەتتا جىنايەتكە چېتىلىشى مۇمكىن.

  «گۇپپاڭچى»لارنىڭ سۆزىدە پاكىت ئويدۇرغان-ئويدۇرمىغانلىقىغا قاراپ، تۆھمەت قىلىش قىلمىشى ۋە ھاقارەتلەش قىلمىشى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ، بۇ تۆھمەت قىلىش، ھاقارەتلەش قاتارلىق جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.

  ھەقىقىي دېلو مىسالىغا قاراپ باقايلى

  تور ساقچىلىرى ئىككى قېتىملىق «ھەقلىق ۋاكالىتەن تىللاش» دېلوسىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى

  01

  چىچىخار شەھىرىدىكى تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى «ھەقلىق ۋاكالىتەن تىللاش» بىلەن شۇغۇللانغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بىر كىشىگە مەمۇرىي جازا بەردى.

  ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، چىچىخار شەھىرىدىكى تور ساقچىلىرى يىپ ئۇچى ئارقىلىق مەلۇم ئابونتنىڭ «شيەنيۈ» سۇپىسىدا تاۋار ئېلان قىلغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، تاۋار ئۇچۇرىدا مۇنۇلار دېيىلگەن: «كەسپىي ئادەم تىللايمىز»، باھاسى 55 يۈەندىن 66 يۈەنگىچە بولىدۇ ھەمدە «زاكازلىق مۇلازىمەت» بىلەن تەمىنلەيمىز.

  رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق تەۋەلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇماندار جۇ فامىلىلىكنى بېكىتىپ، قانۇن بويىچە چاقىرتتى.

  سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، بۇ ئادەم تورغا چىققاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھاقارەتلەش، باشقىلارغا تۆھمەت قىلىش ئارقىلىق پايدا ئالىدىغان تېمىلارنى كۆرگەن بولۇپ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پۇل تېپىش بىر قەدەر ئاسان ئىكەن، دەپ ئويلىغان. جۇ فامىلىلىك تور ئارقىلىق باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تۆھمەت قىلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشمەكچى بولغان.

  تاكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن تۇتۇلغانغا قەدەر، جۇ فامىلىلىك باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئادەم تىللاش بىلەن شۇغۇللىنىپ 1650 يۈەن پايدا ئالغان، تەخمىنەن 25 زاكاز قوبۇل قىلىپ پۈتۈشكەن.

  ھازىر تەۋەلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جۇ فامىلىلىككە قانۇن بويىچە 500 يۈەن مەمۇرىي جەرىمانە قويدى ھەم قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قايتۇرۇۋالدى.

  02

  خاربىن شەھىرىدىكى تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى «ھەقلىق ۋاكالىتەن تىللاش» ئېلانى بەرگەن بىر نەپەر تور ئەھلىگە تەنقىد-تەربىيە بەردى.

  يېقىندا، خاربىن شەھىرىدىكى تور ساقچىلىرى يىپ ئۇچى ئارقىلىق تەۋەلىكىدىكى ئاھالىنىڭ ئۈندىدار توپىدا «ھەقلىق ۋاكالىتەن تىللاش» ئېلان ئۇچۇرى ئېلان قىلغانلىقىنى بايقىدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، بۇ ئادەم ئىلگىرى باشقىلارنى ھەقلىق ھاقارەتلەش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان، لېكىن پەقەت قارشى تەرەپكە ئالدىنقى مەزگىلدە تۈزگەن ئادەم تىللايدىغان يازمىنى تەمىنلەپ بەرگەن، ئەمەلىي ھاقارەتلەش قىلمىشى سادىر قىلمىغان.

  يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا قارىتا، تەۋەلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە تەنقىد-تەربىيە بەردى ھەم قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى، مەزكۇر كىشى بۇنىڭدىن كېيىن قېلىپلاشقان، مەدەنىي تورغا چىقىپ، تور زوراۋانلىقى قىلمىشلىرىنى توسىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

  تور ساقچىلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ:

  ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىشكە بولىدۇ، بىراق باشقىلارنى قالايمىقان ۋاكالىتەن تىللاشقا بولمايدۇ. قانداق ئاداۋەت بولسۇن، ئاقىلانە ھەل قىلىش كېرەك، «تور گۇپپاڭچىلىرى» ياللاشقا بولمايدۇ.

  كەڭ تورداشلار تور زوراۋانلىقىنى توسۇشى لازىم. يامان نىيەتتە تۆھمەت قىلىش، باشقىلارنى ھاقارەتلەش قىلمىشى سادىر قىلغانلار قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ