مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق تورى ئوبزورى: خېنەن چاڭيۈەندە خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى پۈتمەي تاشلىنىپ قالدى، تېگىشلىك جازانى بولدى قىلىشقا بولمايدۇ

2023.09.19 23:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مەركەز 4 مىليون 660 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ستېرېئولۇق ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى قۇرغان، يەتتە يىلغىچە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلمىدى»، «مەركەز 18 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئاجرىتىپ يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن بولسىمۇ، بالىلار باغچىسىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى»، «شىپاخانىلار قۇرۇق ئۆي بولۇپ قالدى»، «مەركەز 17 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ يول ياسىغان، ئالتە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا <ئۈزۈك يول> بولۇپ قالدى».... يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خېنەن چاڭيۈەندە مەركەز 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ قۇرغان ئۈچ خەلق تۇرمۇشى تۈرىنىڭ ھەممىسى پۈتمەي تاشلىنىپ قالغان.

  «تۈر مەبلىغى قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشى تۈرى پۈتمەي تاشلىنىپ قالدى»، بۇ كۆرۈنۈش ئادەمنى قاتتىق ئويلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدۇ. خەلق تۇرمۇشى تۈرىنىڭ پۈتمەي تاشلىنىپ قېلىشى مەركەز مەبلىغىنىڭ ئىسراپ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، يەنە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەسىلەن، پۇل خەجلەپ ياسالغان ماشىنا ئىسكىلاتى چاڭ-توزان ۋە توزغاقلار بىلەن تولغان، ھەتتا بۇزۇلۇپ كەتكەن، «ھەتتا توك يولىمۇ رەسمىي ئۇلانمىغان، بەزى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرى ھەتتا ئەخلەت دۆۋىلەيدىغان جايغا ئايلىنىپ قالغان»، بۇنى ئامما قانداق ئىشلىتىدۇ؟ يەنە مەسىلەن، قۇرۇشقا تېگىشلىك يەسلىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى، شىپاخانا بوش ئۆي بولۇپ قالدى، بۇنداق بولسا ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قانداق قاندۇرىدۇ؟

  چۈشەنگىلى بولمايدىغىنى شۇكى، تۈرنىڭ ئاخىرى چىقمايلا قالماي، ھەتتا چۈشۈرۈلگەن مەبلەغمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى. مۇنداق بىر ئىنچىكە نۇقتا بار، مەلۇم بىر يولنى ياساش ئۈچۈن مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 17 مىليون يۈەن مەبلەغ بۇرۇنلا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن يول پۈتمىگەن. بۇ يولنى ھۆددىگە ئالغان شىركەتنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇلار ئەمەلىيەتتە پەقەت 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇلا ئەمەس، چاڭيۈەن پۇگۇاڭ مەھەللىسىنىڭ مەلۇم تۈرىدە، شۇ جاي يۇقىرىغا 18 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەركەز مەبلىغى ئىلتىماس قىلغان، ئەمەلىيەتتە پەقەت 6 مىليون يۈەنلا ئاجرىتىلغان، قالغان مەبلەغنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلگەنلىكى نامەلۇم. بۇنداق خىلمۇ-خىل ئىشلاردىن ئادەم بۇ ئىشنىڭ ئادەتتىكى ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

  مالىيە مەبلىغى ئاسان قولغا كەلمىگەن، بىر پۇڭنىمۇ قالايمىقان خەجلەشكە بولمايدۇ، ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمىسا، مەسىلە نەدىن چىقتى؟

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، نۆۋەتتە، شۇ جاي بۇ مەسىلە تۈرىنى تۈزەتتى، ھازىر ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، شىپاخانا قاتارلىقلار تەدرىجىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. لېكىن، بۇ ئىشنى مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئېتىشكە تېگىشلىك يوچۇقلارنى چوقۇم ئېتىش، ئويلىنىشقا تېگىشلىك جايلار ئۈستىدە چوقۇم ئويلىنىش، سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر قېزىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋالغاندىلا مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىقنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ