خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەردە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى چىچىخار شەھىرى لۇڭجياڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ساقچى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
9-ئاينىڭ 16-كۈنى لۇڭجياڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى بىر چوڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى قوبۇل قىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى شۈ فامىلىلىكنىڭ ئائىلە زىددىيىتى تۈپەيلىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جاۋ فامىلىلىكنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. 9-ئاينىڭ 17-كۈنى شۈ فامىلىلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى. ھازىر دېلو يەنىمۇ رازۋېدكا قىلىنىۋاتىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋەر
9-ئاينىڭ 16-كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى چىچىخار شەھىرى لۇڭجياڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ پائال يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ