مۇھىم خەۋەرلەر

11 بالىنى ئالداپ سېتىۋەتكەن يۈ خۇايىڭغا 1-سوتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

2023.09.19 23:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 18-كۈنى گۇيجوۋ ئۆلكىسى گۇيياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار يۈ خۇايىڭنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. جاۋابكار يۈ خۇايىڭغا بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى.

  سوت قىلىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، جاۋابكار يۈ خۇايىڭ 1993-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا گۇڭ فامىلىلىك (ئۆلۈپ كەتكەن) بىلەن بىرلىشىپ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى كۆزلەپ گۇيجوۋ ئۆلكىسى، چۇڭچىڭ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئېقىپ يۈرۈپ، مۇۋاپىق كېلىدىغان بالىلارنى پايلىغان، بالىلارنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئىككىسى ئالداپ كەلگەن بالىلارنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خەندەن شەھىرىگە ئېلىپ كېلىپ، ۋاڭ فامىلىلىك (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى)، ياڭ فامىلىلىك (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى)نىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق سېتىۋالغۇچىنى تېپىپ سېتىپ بېرىپ، بۇ ئارقىلىق پايدا ئالغان، بۇ مەزگىلدە جەمئىي 11 بالىنى ئالداپ ساتقان.

  گۇيياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار يۈ خۇايىڭ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى كۆزلەپ كۆپ قېتىم بالىلارنى ئالداپ ساتقان، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، ئىجتىمائىي خەۋپى ئىنتايىن زور، قاتتىق جازالاش كېرەك. شۇڭا يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  جاۋابكار يۈ خۇايىڭ سوتتا نارازىلىق ئەرزى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ