مۇھىم خەۋەرلەر

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل گۈللىنىدىغان يېڭى بىر يولنى تېپىپ چىقايلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2023.09.14 15:26 مەنبە: خەلق تورى

  «تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل گۈللىنىدىغان يېڭى بىر يولنى تېپىپ چىقىپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.» يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن شەرقىي شىمال رايونىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مۇھىم بۇرچنى چوڭقۇر شەرھلەپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى، مۇھىم پۇرسىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شەرقىي شىمالنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل گۈللىنىدىغان يېڭى بىر يولنى تېپىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  شەرقىي شىمال رايونى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك بازىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى تۈزۈپ چىقىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى. 2018 - يىل 9 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنياڭدا شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندىن بۇيان، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ھەم ئىچكى موڭغۇل شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق» رولىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، كەسىپ بىخەتەرلىك ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى ۋەزىيەتنى نامايان قىلدى.

  پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغ پىلانى تۈزۈلۈپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. شەرقىي شىمالنىڭ بايلىق شارائىتى بىرقەدەر ياخشى، كەسىپ ئاساسى بىرقەدەر پۇختا، رايون ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى مۇھىم، زور پۇرسەتنى ئىلمىي ئىگىلەپ، «يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرقىي شىمالنىڭ پەن - مائارىپ ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشىغا پايدىلىق؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش شەرقىي شىمالنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈردى؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش شەرقىي شىمالنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىق» دەپ كۆرسەتتى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، شەرقىي شىمالنىڭ دۆلەتنىڭ «بەش چوڭ بىخەتەرلىكى»نى قوغداشتىكى مۇھىم بۇرچىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپە ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قوللاش سالمىقىنى زورايتىش بىلەن ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، گەۋدىلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرساق، شەرقىي شىمال چوقۇم دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەتنى قايتا ئۇرغۇتۇپ، يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

  «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي شىمالنىڭ خاسلىقى، ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش» «زامانىۋىلاشقان چوڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش» «زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش» «نوپۇسنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تىرەك بولۇش» «سىياسىي ئېكولوگىيەنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش». باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ ھەم ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشتىكى ئىدىيەۋى يېتەكچى ھەم ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەشتىكى يېتەكچى ئۇسۇل. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا ئاساس ئەمەلىي ئىقتىسادتا، ئاچقۇچ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا، يۆنىلىش كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە»نى چوڭقۇر تونۇپ، «دۆلەتنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىدىكى ياخشى <تۇراقلاشتۇرغۇچ> بولۇش شەرقىي شىمالنىڭ باش مەسئۇلىيىتى» دېگەننى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، شەرقىي شىمالنىڭ زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېقىن، يېقىن بولۇش بىلەن پاك بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. نۆۋەتتە، 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاخىرلىشىپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى باشلاندى. نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، روھنى ئۇرغۇتۇش؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەتنى ئىلمىي پىلانلاش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۆزلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى ئارقىلىق تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش؛ تەكشۈرۈش بويىچە تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە توغرا قارىشى ۋە ئۇنى ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىيات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  يېڭى مۇساپىدە، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش بۇرچى زىممىمىزگە يۈكلەندى، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ئىستبالى پارلاق. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشاشماستىن نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا، دادىل ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ