مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا تۇنجى قېتىم تەيۋەننى 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھەربىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قەرزى بىلەن تەمىنلىدى، دۆلەت تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى قورال-ياراغ قانچە كۆپ سېتىۋېلىنسا، قەرز شۇنچە كۆپ بولىدۇ دېدى

2023.09.14 15:25 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي ئالاقە ھەرىكىتى ئۈزۈلمىدى، ئامېرىكا تەيۋەنگە 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ھەربىي قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى، تۇنجى قېتىم تەيۋەننى 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قەرزى بىلەن تەمىنلىدى. دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ 2024-يىللىق مۇداپىئە ئىشلىرى خامچوتى 606 مىليارد 800 مىليون يېڭى تەيۋەن پۇلىغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى چېن بىنخۇا 13-چېسلادىكى رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك مەيدانىدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە ئامېرىكىدىن يۇقىرى باھادا قورال-ياراغ سېتىۋېلىپ، «ئامېرىكا-تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى كۆزلەش»، «قورال كۈچى ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى كۆزلەش» كە ئۇرۇنۇپ، تەيۋەن خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزدى.

  چېن بىنخۇا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالاقىدار تاراتقۇلار ھېسابلاپ چىققان ھېساباتقا ئاساسلانغاندا، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى ھوقۇقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىن قورال سېتىۋېلىش خىراجىتى ۋە تەيۋەن رايونىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى خامچوتى يىلدىن-يىلغا ئاشقان، 2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ قورال سېتىۋالغۇچىسى بولغان؛ 2024-يىلى تەيۋەن رايونىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى خامچوتى سەككىز يىل ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلەرنىڭ ئاۋارىچىلىقى تۈپەيلىدىن، قورال-ياراغلار بارغانسېرى كۆپ سېتىۋېلىندى، قەرز بارغانسېرى كۆپەيدى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بارغانسېرى خاتىرجەمسىزلەندى. ئەگەر دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى «تەيۋەننى سېتىش»، «تەيۋەنگە زىيانكەشلىك قىلىش»، «تەيۋەننى ۋەيران قىلىش»تەك يامان يولدا مېڭىپ قالسا، تەيۋەننى «ئۇرۇش خەۋپى» خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرىگە شۇنى جىددىي ئۇقتۇرىمىزكى، ھەرقانداق «قورال كۈچى ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى كۆزلەش» قىلمىشى بىزنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى قۇدرەتلىك ئەمەلىي كۈچىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ