مۇھىم خەۋەرلەر

ئۈچ تارماق بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، توي زىياپىتىدىكى يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توستى

2023.09.14 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى يېقىندا بىرلىشىپ «توي زىياپىتىدىكى يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، جەمئىيەتنى كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەپ، يېڭى توي قىلىدىغانلارنىڭ توي قىلىشىنى تىزىملاش ئەسكەرتمىسى، توي زىياپىتىدىكى قورۇمىلارنى مۇۋاپىق لايىھەلەشتىن تاماق بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشقىچە، تاماقتىن كېيىنكى ئىئانە قىلىشنىڭ كەڭ ساھەلىك، تولۇق تەرتىپلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈم مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: توي زىياپىتى مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرى يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇشقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى توي زىياپىتى مۇلازىمەت كېلىشىمىگە كىرگۈزۈپ، ئىستېمالچىلارنى «تاماقنى پاكىز يېيىش ھەرىكىتى»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلىشى كېرەك؛ توي زىياپىتىنىڭ تاماق تىزىملىكىنى ياخشىلاپ، قورۇما سانى ۋە سالمىقىنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش كېرەك؛ توي زىياپىتى مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرىنى كۆپ خىل تاماق بىلەن تەمىنلەش شەكلى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى تاماقتىن كېيىن ئوراپ قاچىلاشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى تۈزۈم بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، توي زىياپىتى مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى توي قىلىدىغانلار توي قىلىشقا تىزىملاتقاندا ئەسكەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس، تېجەشلىك بولۇش شەرەپ دەيدىغان كەيپىياتنى پائال يارىتىپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇشنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئالاقىدار ساھە جەمئىيەتلىرى يېتەكچىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، توي زىياپىتى مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرىنى پۈتۈن جەرياننى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشقا يېتەكلەپ، ھەم يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ھەم يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ بىھۇدە خورىشىنى ئازايتىشى كېرەك؛ توي زىياپىتى مۇلازىمىتى تىجارەتچىلىرىنى بىر تۇتاش شەكىلدىكى ئاممىۋى قاچا-قۇچىلارنى ئىشلىتىشكە يېتەكلەش ھەمدە ئاممىۋى قاچا-قۇچىلارنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ