تايلاند يېڭى كابىنېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى 13-چېسلا ئېچىلدى، شۇ كۈنى يىغىندا ساياھەتنى جانلاندۇرۇشتىكى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
تايلاند زۇڭلىسى سەيتا تاۋېيشىن كابىنېت يىغىنىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تايلاند كابىنېت يىغىنى جۇڭگو ۋە قازاقىستان ئىككى دۆلەت ساياھەتچىلىرىگە «بەش ئاي ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى 2023-يىل 9-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلىنىپ، 2024-يىل 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
سەيتا مۇنداق دېدى: بۇ سىياسەت جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىمى ۋە چاغان ئالتۇن ھەپتىلىكى مەزگىلىدە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى تايلاندقا ساياھەتكە بېرىشقا جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ