مۇھىم خەۋەرلەر

مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمە

2023.09.14 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى «مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش مەمۇرىي جازاسى ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلدى

  مۇخبىرنىڭ 12-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش مەمۇرىي جازاسى ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلغان، بۇ چارە 2023-يىل 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپ سىرتىدىكى مائارىپ بويىچە تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىككىنى ئازايتىش» ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى تۈزەشتە باسقۇچلۇق نەتىجە-ئۈنۈملەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش، شەكلى ئۆزگەرگەن مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت، ئايرىم ئاپپاراتلارنىڭ «پۇلنى ئېلىپ قېچىش» مەسىلىسى يەنىلا ئاندا ساندا يۈز بېرىۋاتىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى يەنىلا پات-پات زىيانغا ئۇچراۋاتىدۇ، شۇڭا مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش قانۇن-تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتى، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇق دائىرىسى، قانۇن ئىجراسى ئاساسى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى بەدەل تۆلىتىپ، قائىدىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنى قوغداپ، «ئىككىنى ئازايتىش» ئىسلاھاتىدا ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ناھايىتى زۆرۈردۇر.

  «مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش مەمۇرىي جازاسى ۋاقىتلىق چارىسى» جەمئىي ئالتە باب 44 ماددا بولۇپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش مەمۇرىي جازاسىنى يولغا قويىدىغان ئورگان، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە تەتبىقلاش ئوبيېكتى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىق، جازالاش تەرتىپى ۋە ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.چارىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار جەمئىيەتتىن ئۈچ ياشتىن يۇقىرى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى قانۇنغا خىلاپ قانات يايدۇرسا، مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە بۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.چارىدە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش مەمۇرىي جازاسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيىلەشكە مەسئۇل تارماقلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا ھوقۇق دائىرىسى بويىچە يولغا قويۇپ، توردا ۋە نەق مەيداندىكى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى توغرىسىدا ئايرىم ـ ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.

  چارىدە تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار تەستىقلاتماي تۇرۇپ مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەق مەيداندا تەربىيەلەشتە مەخسۇس تەربىيەلەش ئورنى ياكى توردا تەربىيەلەشتە ئالاھىدە تور بېكىتى ياكى قوللىنىش تەرتىپى بولغان، ئىككىدىن ئارتۇق تەربىيەلەش كەسىپكارلىرى، مۇناسىپ تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە ئىش تەقسىماتى بولغان بولسا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش ئاپپاراتى قۇرغان بولىدۇ.

  چارىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پەن تۈرىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەربىيەلەشنى ھەقلىق قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «توردا ئېلىپ بېرىشقا ئۆزگەرتىش »، «يەر ئاستىغا يۆتكەش»، «قالپاق ئالماشتۇرۇش» قاتارلىق ئۈچ خىل شەكلى ئۆزگەرگەن قىلمىشلار كۆرسىتىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش، ھەتتا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش قانۇن جاۋابكارلىقى بەلگىلەندى.چارىدە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەشنى ھەقلىق قانات يايدۇرۇش قىلمىشى قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ