مۇھىم خەۋەرلەر

2-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك

مۇھىم سادا

2023.09.14 01:33 مەنبە: خەلق تورى

  «1-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاخىرلاشتى، داۋاملىق تۈزىتىش ۋە قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمغا ئايلاندۇرۇش كېرەك» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى يەنە «2-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى باشلاندى، جايلار ئىلمىي پىلانلاش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2-تۈركۈمدىكى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ھەم باشقا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلىنىپ كېلەر يىلى 1-ئايدا ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلىشىدۇ. 2-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى چېتىلىدىغان ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ دائىرىسى كەڭ، تۈرى كۆپ، سانى كۆپ، ۋەزىپە ئېغىر، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «ئىدىيە ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە قوشۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېما، ئاساسىي لىنىيە ۋە تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك، بىرىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى تولۇق ئۆرنەك قىلىپ، ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىشلىتىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش، «ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىلنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، خىسلەتنى تاۋلاپ، سادىقلىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش يېڭى ئىستىلى تىكلەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  2-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇشتا، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، دەرىجە، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوچۇق-ئاشكارا تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستىلنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «چوڭقۇر، ئەمەلىي، ئىنچىكە، توغرا، ئۈنۈملۈك بولۇش»نى كۆزلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنى ياخشىلاش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىرگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىدە نامايان قىلىپ، مەركىزىي خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىشتا نامايان قىلىش كېرەك؛ تەكشۈرۈش-كۆزىتىش، تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ-كۆزىتىپ تەھلىل قىلىپ، ئىدىيەۋى مەنبەنى چوڭقۇر قېزىپ، چوڭقۇر تۈزىتىش-ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، «ھازىر ئۆزگەرتىش» بىلەن «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇش»نى بىرلەشتۈرۈپ، كارغا كېلىدىغان، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، ئۇزاققىچە ئەسقاتىدىغان تۈزۈم-مېخانىزمنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، ئاددىي، ئاسان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت تەلىپى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشقا يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك؛ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ-كۆزىتىپ تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش، تەشكىلىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ-كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، مەسىلە، كەمتۈكلۈكلەرنى توغرا تېپىپ، ئېنىقلاپ، تۈرمۇتۈر دەل جايىدا تۈزىتىشى كېرەك.

  2-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇش كۈچلۈك تەشكىلىي رەھبەرلىكتىن ئايرىلالمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى (پارتىيە گۇرۇپپىلىرى) باش تېما تەربىيەسىنى تۇتۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، ساھە سىستېمىسىدىكى مەسئۇل تارماقلار ساھەنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رەھبەرلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، 2-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە سۈپەتنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نىشان، تەلەپلەرنى توغرا ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، «ئىدىيە ئۆگىنىش»نى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈش كېرەك؛ تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاشمىغان قاتلام، دەرىجە، ئوخشاشمىغان ساھە، ئوخشاشمىغان ئوبيېكتلارغا قارىتا، ئۆزلىرىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تىپىك مىساللارنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، «بىر مەسىلىنى ئوپېراتسىيە قىلىش» ئارقىلىق «بىر خىل مەسىلىنى ھەل قىلىش»قا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باش تېما تەربىيەسىنى 1-تۈركۈمدىن 2-تۈركۈمگە ئۆتكۈزۈشتە، جەزمەن يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باش-ئاخىرى ئايرىۋېتىلىش، تۈركۈم ئايرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپرەك ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ مەركىزىي خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ئۆگىنىش، خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ