مۇھىم خەۋەرلەر

«ئوڭدا ياتقان» كادىرلارنى ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ تۈزەش كېرەك

2023.09.14 01:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئوبلاستتىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا «ئوڭدا ياتقان» كادىرلارنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم مەخسۇس تۈزەش كەسپىي خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى ئېچىپ، «ئوڭدا ياتقان» كادىرلارنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ۋە زىيىنى ھەم مەخسۇس تۈزەشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ نەق مەيداندا جاۋاب بېرىپ چۈشەندۈردى.

  20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزىتىش، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، كۈچىمەسلىك»، «خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق» قاتارلىق ئىستىل مەسىلىلىرىنى تۈزەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىدىن مەنبەنى چوڭقۇر قېزىش، تۈگۈننى توغرا تېپىش، دەل جايىدا تۈزىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى. كۆپ جايلار ئېغىر زەربە بېرىپ، كۈچلۈك دورا بېرىپ، «ئوڭدا يېتىش»تەك خىزمەت ئىستىلىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمايدىغان، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان «ئوڭدا ياتقان» كادىرلارغا ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىشتەك كۈچلۈك سىگنالنى سىجىل تارقاتتى.

  كادىرلار ئىش قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى لازىم. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىجادىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى، لېكىن رېئاللىقتا يەنىلا ئاز ساندىكى كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماي، رولىنى جارى قىلدۇرماي، خىزمەتتە پاسسىپلىق قىلىپ، ھازىرقى ھالەتكە قانائەت قىلىپ، غەيرەت-شىجائەت، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتماي، خىزمەتنى كۆرگەندە ئىككى قولىنى بېلىگە ئېلىپ، مەسىلىگە يولۇققاندا ئىككى كۆزى قاراڭغۇلىشىپ، بىۋاسىتە ئۆزىنى تاشلاپ، «ئوڭدا ياتقان» كادىرلار دەپ ئاتالدى. «ئوڭدا ياتقان» كادىرلاردىن ئىبارەت بۇنداق ئەمەلدار بولۇشنىلا ئويلايدىغان، ئىش قىلىشنى خالىمايدىغان، ھوقۇق تۇتۇشنىلا ئويلايدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدىغان، نەتىجىگە ئېرىشىشنىلا ئويلايدىغان، كۈچ چىقىرىشنى خالىمايدىغان قىلمىشلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن-سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تېخىمۇ دەخلى يەتكۈزدى.

  «ئوڭدا ياتقان» كادىرلارنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزۇشتا، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، تىپىك ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىستىلنى ئۆزگەرتىشكە، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشكە قىستاپ، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان كادىرلارنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈش كېرەك؛ دائىملاشقان غايە-ئېتىقاد تەربىيەسى، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى ۋە پاكلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىش قىلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئىدىيەنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن «ئوڭدا يېتىش»نى رەت قىلدۇرۇش كېرەك؛ خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش قىلىشنى خالايدىغان كادىرلارنىڭ پسىخىكىلىق ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغۇچىلار ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ياراملىقلارنى دادىل ئىشلەيدىغان قىلىش كېرەك.

  «ئوڭدا ياتقان» كادىرلار ئالدىدا كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى مەسئۇلىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيىتىدە ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ئۆتكۈر قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش جاسارىتى، غەيرىتىنى ساقلاپ، ئويلاشقا، ئىشلەشكە، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلدۇرۇپ، خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ