مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا بىر سائەتتىن تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

2023.09.05 15:33 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەشۋىق-تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2023-يىل 9ـ ئايدا 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەشۋىق-تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا بىر سائەتتىن تەنتەربىيە پائالىيىتى قىلىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شارائىتى بار مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ ئىچى سىرتىدىكى پائالىيىتىنى ئىككى سائەتكە يەتكۈزۈشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىپ ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇش ۋاقتىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تەقسىملەپ، يازما تاپشۇرۇق ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرس ئارىلىقىدا سىنىپتىن چىقىپ پائالىيەت قىلىش، يىراققا نەزەر سېلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. بالىلار باغچىسى بالىلارنىڭ ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق سىرتتا پائالىيەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ياتاقلىق بالىلار باغچىسىنىڭ سىرتتا پائالىيەت قىلىش ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن كەم بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتى بىر سائەتتىن كەم بولمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بالىلار باغچىسىنى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى «بىرىنچى ئۆتكەل» قىلىپ، بالىلار ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىق باسقۇچىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى كونترول قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، «ئېكران ۋاقتى»نى بىرلىكتە كونترول قىلىپ، دالا ھەرىكىتىنى كۆپەيتىپ، ئائىلىدە كۆز ئاسراش كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ