مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قەتئىي يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئاممىغا زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك

2023.09.01 14:05 مەنبە: خەلق تورى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 31-چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى رېن يوۋچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئاممىۋىي پىكرى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىغا زور زىيان يەتكۈزدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قەتئىي يول قويماسلىقتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى بۇزۇپ تاشلىغان، ئاممىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئايرىم كىشىلەرنى قانۇن-بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمىدى. كېيىنكى قەدەمدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى تۆۋەن چەكنى مۇستەھكەملەش بىلەن يۇقىرى ئۆلچەمدە يېتەكلەشنى تەڭ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ