لى چياڭ ئامېرىكا سودا مىنىستىرى رايموندو، دۇنيا ۋاكسىنا ئىممۇنىتېت ئىتتىپاقى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى باروزو بىلەن كۆرۈشتى

2023.08.31 01:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 8-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى رايموندو بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەم ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق ھەم دۇنياغا پايدىلىق. بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. يېقىندا ئامېرىكا تەرەپ كۆپ قېتىم ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بالى ئارىلى ئۇچرىشىشىدا بېكىتىلگەن قارالمىلارغا قايتىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو بۇنى قارشى ئالىدۇ. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي، پايدىلىق ھەرىكەت قوللىنىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغدىشىنى، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش. ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، خەۋپسىزلىكلەشتۈرۈش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي يەنە ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئامېرىكا ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سۈركىلىش، قارشىلىشىشنى ئازايتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بىر يۆنىلىشتە مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇۋېتىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ پۇقراۋى تەمىناتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادىل رىقابەتنى قوغدايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ.

  رايموندو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بايدىن ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشنى خالىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈشنى خالىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، ئامېرىكا-جۇڭگو نورمال ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىلىمات ئۆزگىرىشى، فېنتانىلغا زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 8-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا دۇنيا ۋاكسىنا ئىممۇنىتېت ئىتتىپاقى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى باروزو بىلەن كۆرۈشتى

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيانى قاپلىغان بۇ مەيدان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يەر شارىۋى سەھىيەنى تۈزەشنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئادەمنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيەسى، ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا يار-يۆلەك بولۇپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىق بەخت-سائادىتىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. ئادىل، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئوخشاش ۋاكسىنىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇقتا، پۇرسەتتە، قائىدىدە باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەر شارىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش ۋە كەسپىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، نامىنى بۇلغاشقا قارشى تۇرۇش كېرەك.

  لى چياڭ يەر شارى ۋاكسىنا ئىممۇنىتېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، يەر شارىۋى سەھىيەنى تۈزەشنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئوينىغان مۇھىم رولى ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىتتىپاقنىڭ خىزمىتىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باروزو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا ۋاكسىنا، ئىممۇنىتېت ئىتتىپاقى جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىممۇنىتېت نىشانىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ