مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش پىلانىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2023.08.25 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  8-ئاينىڭ 24-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئىدارىسى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى تەيۋەنگە F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئىزدەش ۋە ئىز قوغلاش سىستېمىسى ۋە باشقا جابدۇقلىرىنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، قىممىتى تەخمىنەن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونىغا قورال سېتىپ بېرىشى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا، بولۇپمۇ «17-ئاۋغۇست» ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىگە، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپ بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئېغىر خاتا سىگنال بېرىدۇ. جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى، بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى، تەيۋەن مەسىلىسى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، سىرتنىڭ ھەرقانداق ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىز ئامېرىكىنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش پىلانىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش ۋە ئامېرىكا-تەيۋەن ھەربىي ئالاقىسىنى، تەيۋەننى قوراللاندۇرۇشتەك خەتەرلىك يۈزلىنىشنى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. جۇڭگو قەتئىي ۋە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ