مۇھىم خەۋەرلەر

تۇز تالىشىش ھاجەتسىز! جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھى بايانات ئېلان قىلدى

2023.08.25 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  قىسمەن بازارلاردا ئاش تۇزىنى تالىشىپ سېتىۋېلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىگە قارىتا، جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 24-چېسلا بايانات ئېلان قىلدى.

  ياپونىيەنىڭ يادرودىن بۇلغانغان سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشىنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزنىڭ قىسمەن بازارلىرىدا ئاش تۇزىنى تالىشىپ سېتىۋېلىش ھادىسىسى يۈز بەردى. جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھى ئېلىمىزنىڭ تۇزچىلىق كەسپىدىكى بىردىنبىر مەركەز كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاش تۇزى بازىرىنى تەمىنلەش ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىمىز. بۇ قېتىمقى بازار داۋالغۇشىغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك بايانات ئېلان قىلىمىز:

  دۆلىتىمىز ئاش تۇزىنى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرىدۇ، دۆلىتىمىز ئاش تۇزىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسلىقى قۇدۇق تۇزى، كۆل تۇزى، دېڭىز تۇزى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئاش تۇزى مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى قۇدۇق تۇزى %87، دېڭىز تۇزى %10، كۆل تۇزى %3 بولۇپ، قۇدۇق تۇزى ۋە كۆل تۇزى ئىشلەپچىقىرىشى ياپونىيە يادرو بۇلغىنىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

  جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاش تۇزى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپ، ئاش تۇزى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 10 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇدۇق تۇزى %95 نى، كۆل تۇزى %4 نى، دېڭىز تۇزى %1 نى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھىنىڭ مەملىكەت بويىچە مۇكەممەل ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش كارخانىسى بار بولۇپ، ئاش تۇزى زاپىسى يېتەرلىك.

  جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھى مۇكەممەل مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئاش تۇزى بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ، ئاش تۇزى مەھسۇلاتلىرىنى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرگىلى، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو تۇزچىلىق گۇرۇھى 2003-يىلىدىكى سارس ئۆپكە ياللۇغى، 2008-يىلى ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش، 2011-يىلى ياپونىيەدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش ۋە يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر قېتىملىق بازار داۋالغۇشىدا، ئاش تۇزى بازىرىنى تەمىنلەشكە ناھايىتى ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملاشتۇرغۇچ ۋە تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىدى. يېقىندا، قىسمەن رايونلاردىكى بازارلاردا ئاش تۇزىنى تالىشىپ سېتىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە قىسمەن سودا سارايلىرىدا قىسقا ۋاقىت مال كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى، بىز ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، يەتكۈزۈپ بېرىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئاقىلانە ئىستېمال قىلىشى، قارىغۇلارچە تالىشىپ سېتىۋالماسلىقىنى سورايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ