مۇھىم خەۋەرلەر

«ئوبراز قۇرۇلۇشى» غا بېرىلىش ئاخىرىدا ئۆزىنى ۋەيران قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس

2023.08.18 16:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى چېن جيادۇڭنىڭ پارا ئېلىش، خىيانەت قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش دېلوسىنى ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى چېن جيادۇڭنىڭ خەلققە جاپا سېلىپ مال-مۈلۈككە زىيان سالىدىغان «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان بولۇپ، ئۇ ئالتە قۇرۇلۇشنى يېڭىدىن ئېلىپ بېرىشنى قارىغۇلارچە قارار قىلغان، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن كۆپىنچىسى تەدرىجىي تاشلىنىپ قالغان؛ تىياتىرخانا تۈرىنى لايىھىلەش ۋە قۇرۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى بەك چوڭ بولغاچقا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەي، ئاخىرىدا «يېرىم-يارتا قۇرۇلۇش»قا ئايلىنىپ قالغان. دېلو مىسالى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، «ئوبراز قۇرۇلۇشى» قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ۋەيران قىلىدۇ، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلغۇچىلارمۇ ئاتالمىش «سىياسىي نەتىجە» يارىتالماي، ئاخىرىدا رەسۋالىشىپ سەھنىدىن چۈشىدۇ.

  ئەمەلىي ئىش قىلماي «ئويۇن قويىدىغان»، خەلققە بەخت ياراتماي «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلىدىغانلار ئۆزىگە ئابرۇي تىكلەش، ياخشى نام قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بەزى كادىرلار قارىغۇلارچە بەسلىشىپ، ھەدەپ چوڭ، ئەجنەبىيچە قىلىشقا بېرىلىدۇ، ھەتتا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشتىن باش تارتماي «رەقەملىك نەتىجە»، «ساختا سىياسىي نەتىجە» يارىتىپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئارقىلىق رەھبەرلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ؛ بەزى كادىرلار تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال بولۇشقا، خەلققە جاپا سېلىپ، مال-مۈلۈككە زىيان سالىدىغان «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»غا بېرىلىپ كېتىپ، شەخسىي سىياسىي كاپىتالنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ... قۇرۇلۇش قىلىش، تەرەققىياتنى تۇتۇش جەريانىدا بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «خىزمەت ئىپادىسى» ئۈچۈن «خىزمەتتە ئويۇن قويۇش»قا بېرىلىپ، تېزدىن سىياسىي نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىماي كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىپ، تۈرگە تۇتۇش قىلىپ، تۈرلۈك ناچار قىلمىشلار ئارقىلىق بايلىقنى ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپ قىلىپ، مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغاننى ئاز دەپ جايلارنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى بۇلغاپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى.

  توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيەۋىلىك. پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىش ۋە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، شەخسىي غەرەزنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئامما ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى سىياسىي نەتىجىسىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تۈرلۈك نازارەتچىلىك كۈچلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاپ، سەلبىي تىپلارنى تەھلىل قىلىپ، كادىرلارنى «ئەمەلدار بولغانلار شۇ جايغا بەخت يارىتىشى كېرەك» دەيدىغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئاممىغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ