مۇھىم خەۋەرلەر

«پۇقرالارغا قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش كېرەك» (باش شۇجىنىڭ خەلققە بولغان مۇھەببىتى)

2023.07.31 00:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇش، ياشانغاندا كۆڭلى خۇش بولۇش، ياشانغاندا خاتىرجەم بولۇش خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا باش شۇجى كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش.

  بۇ يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى ئېلان قىلىنىپ، «ياشانغانلار خىزمىتى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇشتەك دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  2021-يىل 8- ئاينىڭ 24-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسى چېڭدې شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بىڭخې مەھەللىسى ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «ياشانغانلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى» دەپ تەكىتلىدى.

  خەلق ئاممىسى قارشى ئالىدىغان، خۇشال بولىدىغان ئىش بولسىلا، ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ ئاخىرغىچە قىلىش كېرەك؛ خەلق ئاممىسى قارشى ئالمايدىغان، ياقتۇرمايدىغان ئىش بولسىلا، قەتئىي قىلماسلىق كېرەك ـ بۇ روشەن سىياسىي يۆنىلىش، شۇنداقلا خەلققە بولغان چوڭقۇر ھېسسىيات. خۇددى 2015- يىل 1- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىلىرى كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە تەكىتلىگىنىدەك: «ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشتە چوقۇم توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، <خەلق ياخشى كۆرگەننى تەشەببۇس قىلىش، يامان كۆرگەندىن يېراق تۇرۇش» كېرەك.

  «خەلقنىڭ ئارزۇسى»نى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىش كېرەك.

  خەلقىمىز تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ، تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى بولىدىغان كىرىم ، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى، تېخىمۇ ئازادە تۇرالغۇ شارائىتقا ئېرىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىتتا، بالىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىنى، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 10 قېتىم «تېخىمۇ» دېگەن سۆز بىلەن خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تەسۋىرلىدى.

  يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ باھاسىنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەش، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ...... يېڭى دەۋردىكى ئون يىلدىن بۇيان، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ چوڭ-كىچىك ئىشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، بىر-بىرلەپ ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى.

  «پۇقرالار ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلغاچقا»، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغاچقىلا، بۇ يىللاردا خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى.

  «خەلق يامان كۆرگەن ئىشلار»نى تۈگىتىپ، ئامما نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، شۇنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش كېرەك.

  «قارا كۈچلەر جەمئىيەتتىكى زەھەرلىك ئۆسمە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى چىرىتىدۇ».

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بىر مەيدان سالمىقى مىسلىسىز بولغان قارا گۇرۇھلارنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى قارىنى تازىلاپ، پاك-دىيانەتلىك ۋەزىيەتنى ياراتتى.

  «قارا كۈچلەرنى تازىلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى»دىن «قارا كۈچلەرنى تازىلاپ، رەزىللىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇش»قىچە، يەنە «مەملىكەت بويىچە سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەپ تەرتىپكە سېلىش»قىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «قارا كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق» نېمىنىڭ «خەلق نەپرەتلەنگەنگە نەپرەتلىنىش» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  «بىر پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئەل رايىنىڭ مايىل بولۇش-بولماسلىقىغا باغلىق. خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، بىز شۇنى قەتئىي ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە تۈزىتىشىمىز كېرەك».

  «چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاش»نى تەكىتلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ توختاتماي، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈش؛ «خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش» نى تەكىتلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئاسماننى تېخىمۇ كۆك، تاغنى تېخىمۇ يېشىل، سۇنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش ......

  «مەن پۈتۈن زېھنىم ۋە پۈتۈن ھاياتىم بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە جاۋاب قايتۇرىمەن، پۈتۈن كۈچۈم ۋە پۈتۈن ھاياتىمنى ئايىمايمەن، خەۋپ-خەتەردىن قورقمايمەن، ئۆلۈشتىن باش تارتمايمەن»، شەخسىيەتسىز ۋە قورقماس روھى، كوممۇنىستلارنىڭ بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشىنى نامايان قىلدى.

  خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش-بولماسلىقىنى تۈپ باھالاش ئۆلچىمى قىلىش كېرەك.

  2022-يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى خوجۇ شەھىرى فېڭنەنيۈەن كەنتىدە قار ياغدى. بۇ يەردە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ شى خۇڭبىڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چاغانلىق ھورنان ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قولىنى يۇيۇپ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئىككى-ئۈچ قېتىمدىلا چىلان چېچىكى چىقاردى.

  «كەنتىڭلارغا قاراپ باقسام، يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ياردەم تولۇقلىمىسى پۇلىمۇ نەقلىشىپتۇ، ئامما چاغانلىق نەرسىلەرنى تولۇق تەييارلاپ، چاغاننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈپتۇ، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى». باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ئاممىنى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

  «بارلىق خىزمىتىمىزنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتە خەلقنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشكەن-ئېرىشمىگەنلىكى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي ياخشىلانغان-ياخشىلانمىغانلىقى، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى.

  خېبېي جېڭدىڭدا خىزمەت قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش مىقدارىنى ئازايتىشقا تۈرتكە بولغان، «يۇقىرى ھوسۇللۇق نامرات ناھىيە» دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىغان؛ فۇجيەندە، دېھقانلار بىلەن دوست بولۇپ، تەرەققىيات يولىنى كۆرسىتىپ، ئامما ئۇنى «پۇقرالارنىڭ ئۆلكە باشلىقى» دەپ ئاتىغان؛ جېجياڭدا، «قەلبتە پۇقرالار بولمىسا < ئەمەلدار > بولغىلى بولمايدۇ » دەپ تەكىتلىگەن، پۇقرالار بولسا «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان؛ شاڭخەيدە، «ئامما جىددىي ئېھتىياجلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، ئامما نەپكە ئېرىشىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، ئۇل سالىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، كەلگۈسىدە رول ئوينايدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش»...

  2022-يىلى 10-ئايدا، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشىنىڭ يەنئەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنىڭ پارتىيەسى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، كومپارتىيە خوجايىن بولسا پۇقرالار ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىدۇپۇقرالارنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش كېرەك».

  خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشتا، كوممۇنىستلار مەڭگۈ يولدا.

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ