14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2023.07.28 00:05 مەنبە: خەلق تورى

  جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (12-لايىھە) قاراپ چىقىلدى، ۋاڭ يىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا، پەن گۇڭشېڭنى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى

  شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى

  جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق چىن گاڭنى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ۋاڭ يىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرىلىقىغا تەيىنلەش، يى گاڭنى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىدىن قالدۇرۇش، پەن گۇڭشېڭنى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 170 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارا بېرىش قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (12-لايىھەسى)نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لايىھەدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنى قانۇن بويىچە قوغداش مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرى چۆرىدىلىپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى؛ مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئەمەلىيەت داۋامىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ قاراتمىلىقى كۈچەيتىلدى؛ سىستېمىلىق قاراش، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، جازالاش ئوبيېكتى ۋە ھەرىكىتى توغرا ئىگىلەندى. لايىھەدە پارا بېرىش ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملارنىڭ چىرىكلىشىشىگە ئالاقىدار جىنايەت بەلگىلىمىلىرى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا يەنە تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

  1-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن، گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

  7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار قارالمىلارغا قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى دوكلات بەردى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدىن كېيىن يېپىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 169 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن. يىغىندا تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ