شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ شياڭگاڭ پېيچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلھاملاندۇردى

2023.07.28 00:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جاۋاب خەت

شياڭگاڭ پېيچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 1 ـ يىللىقىدىكى ساۋاقداشلار:

ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، سىلەرنىڭ كورېيەدىكى پىدائىي قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ جەسەت قالدۇقىنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىپ دەپنە قىلىش مۇراسىمى، «تيەنگۇڭ» ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى، شياڭگاڭلىق ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم.

ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ يادروسى، كەڭ شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار ئەزەلدىن ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە، بۇ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. سىلەرنىڭ تۈمەن پارچە كىتاب ئوقۇش بىلەن تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، ۋەتەننىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە رېئال دۆلەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، بالدۇرراق زور ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، گۈزەل شياڭگاڭ قۇرۇپ چىقىش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ


2023 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى


(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى شياڭگاڭ پېيچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 1 ـ يىللىقىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ كورېيەدىكى پىدائىي قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ جەسەت قالدۇقىنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىپ دەپنە قىلىش مۇراسىمى، «تيەنگۇڭ» ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى، شياڭگاڭلىق ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ يادروسى، كەڭ شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار ئەزەلدىن ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە، بۇ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. سىلەرنىڭ تۈمەن پارچە كىتاب ئوقۇش بىلەن تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ۋەتەننىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە رېئال دۆلەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، بالدۇرراق زور ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، گۈزەل شياڭگاڭ قۇرۇپ چىقىش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

پېيچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپى 1946 ـ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق چىقارغان شياڭگاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ بىرى، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى. يېقىندا، پېيچياۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 1 ـ يىللىقىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مەكتەپنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتىگە قاتنىشىش تەسىراتلىرىنى دوكلات قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈش روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، گۈللىنىشى ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ