شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 7 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئارمىيەمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2023.07.28 00:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1 ـ ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدا 7 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش پارتىيەمىزنىڭ ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە شەكلىدىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەرەپ. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئارمىيەمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي ئىشلار قانۇنچىلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى يولداش جاۋ دۇڭبىن بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىگە رەھبەرلىك قىلىش جەريانىدا، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئەمەلىيىتىنى پائال ئالغا سىلجىتتى، بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئارمىيەنى ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق، بىر قاتار يېپيېڭى تۈزۈلمە ـ مېخانىزم، قانۇن ـ نىزام، سىياسەت ـ تۈزۈملەرنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە ھەربىي ئىشلار ئىنقىلابى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا، ئارمىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇشى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى يېڭىدىن كۈچەيتىش ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. سىستېما قارىشىنى يەنىمە كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەر ئىدارە قىلىش، تولۇق زەنجىرلىك ئىدارە قىلىش، ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، پىلانلىق، نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تارماق ھالقىغان، ساھە ھالقىغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەربىي خىراجەتنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېھتىياجنى ئىلمىي شەكىللەندۈرۈش، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق كەسىپلەشكەن باھالاش يولىدا مېڭىپ، زەنجىرسىمان يولنىڭ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىي ئىشلار سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىش ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقىرى قاتلام ئورگانلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھات ۋە قانۇنچىللىق بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەربىي ئىشلارغا دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ـ نىزام، تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىقتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ئۇسۇلدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيە ۋە يەرلىكتىن ھالقىغان ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ساھەسىدە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. ئارمىيە يەرلىك بىلەن ياخشى ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ھەربىي ئىشلار ئېھتىياجىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت ـ تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، زىچ ھەمكارلىشىدىغان، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولغان ئارمىيە ـ يەرلىكتىن ھالقىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ