شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇڭسېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى چياڭ باش ۋەزىر خۇڭسېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.07.28 00:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇڭسېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ 7 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆردۇقكى، رەئىس خۇڭسېن باشچىلىقىدىكى كامبودژا پادىشاھلىق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، كامبودژا سىياسىي جەھەتتە مۇقىم بولدى، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، خەلقئارا ۋە رايون ئورنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، رەئىس خۇڭسېننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن، رايوننىڭ تىنچ ـ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كامبودژا خەلق پارتىيەسى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەن رەئىس خۇڭسېن بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلەر ئارا ۋە باشقا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ خۇڭسېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ