مۇھىم خەۋەرلەر

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىدىن ئومۇمىي بايان» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.07.12 21:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تۈزۈشكە تەشكىللىگەن «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىدىن ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەمىزنىڭ تورنى باشقۇرۇش، تورنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيە يەكۈنى ۋە تور-ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. «ئومۇمىي بايان» جەمئىي ئون مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ئېلىمىزنى تىرىشىپ تور كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەنىڭ تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى مەزمۇنى، ئەمەلىي تەلىپى شەرھىيلەنگەن.

  بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى كادىرلار، ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تور-ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ