شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئەنگلىيە سودىسى «مۇز يېرىش سەپىرى»نىڭ 70 يىللىقى پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.07.07 09:56 مەنبە: خەلق تورى

  7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئەنگلىيە سودىسى «مۇز يېرىش سەپىرى»نىڭ 70 يىللىقى پائالىيىتىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىل ئىلگىرى، جېك پېررى ئەپەندى ۋەكىللىكىدىكى ئەنگلىيە كارخانىچىلىرى يېڭى جۇڭگونىڭ پارلاق ئىستىقبالى ۋە جۇڭگو - ئەنگلىيە ھەمكارلىقىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆرۈپ، قورقماس غەيرەت ۋە جاسارەت بىلەن ئىدېئولوگىيەدىكى قاتتىق مۇزنى يېرىپ تاشلاپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە سودا ئالاقە يولىنى باشلامچىلىق بىلەن ئاچتى. 70 يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد «مۇز يارغۇچى»لار جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىغا گۇۋاھ بولۇپ ھەم پائال قاتنىشىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - ئەنگىلىيە سودىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، بۈگۈنكى كۈندە 100 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو - ئەنگلىيە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ خىل خىرىس قاتمۇقات گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كەلدى. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى بىلىملىك زاتلارنىڭ مول يىراقنى كۆرىدىغان، ئوچۇق ھەمكارلىشىدىغان، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان مۇز يېرىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئېچىپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە دوستانە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى، جۇڭگو - ئەنگلىيە سودىسى «مۇز يېرىش سەپىرى»نىڭ 70 يىللىقى پائالىيىتىنى جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبى، ئەنگلىيە - جۇڭگو سودا جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ