شى جىنپىڭ نەنجىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش داشۆسىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق خەلقئارا سىنىپىدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2023.07.06 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت

  نەنجىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش داشۆسىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق خەلقئارا سىنىپىدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار:

  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، سىلەرنىڭ جۇڭگوغا ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن، دەرسخانىدا ئۆگىنىش ۋە نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، كەسپىي ساپايىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈمىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان تونۇشىڭلارنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىڭلارنى بىلىپ، سىلەرنىڭ ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىڭلاردىن خۇشال بولدۇم.

  جۇڭگو ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەركەزلىك بىرتۇتاش بولغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. سىلەرنىڭ جۇڭگولۇق كەسىپداشلار بىلەن ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق جۇڭگونى تونۇپ، جۇڭگونى چۈشىنىپ، دۆلەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى

  شى جىنپىڭ

  2023 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى نەنجىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش داشۆسىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق خەلقئارا سىنىپىدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى دۆلەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ جۇڭگوغا ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن، دەرسخانىدا ئۆگىنىش ۋە نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، كەسپىي ساپايىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈمىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان تونۇشىڭلارنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىڭلارنى بىلىپ، سىلەرنىڭ ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىڭلاردىن خۇشال بولدۇم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىسادىي تەپتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەركەزلىك بىرتۇتاش بولغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. سىلەرنىڭ جۇڭگولۇق كەسىپداشلار بىلەن ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق جۇڭگونى تونۇپ، جۇڭگونى چۈشىنىپ، دۆلەتلەر ئارا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  نەنجىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش داشۆسىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق خەلقئارا سىنىپى 2016 - يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى 76 دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۈچۈن كەسپىي ئىختىساسلىقلاردىن جەمئىي 280دىن ئارتۇقنى تەربىيەلەپ بەردى. يېقىندا، بۇ سىنىپتىكى 37 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگودىكى ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇرۇش تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، جۇڭگودىكى كەچۈرمىشلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى، جۇڭگوغا بولغان ھېسىياتىنى مەڭگۈ قەدىرلەيدىغانلىقىنى، تىرىشىپ جۇڭگو بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەلچى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ