لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

2023.07.07 09:57 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا ليۇ شاڭشى، لو جىخېڭ، تيەن شۈەن، خۇاڭ شيەنخەي، يۈەن خەيشيا، چىن خەيلىن، لۇ مىڭ، جاۋ ۋېي قاتارلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىتتا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى سىجىل ياخشىلىنىپ، غايەت زور تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى. گەرچە ھازىر نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن پايدىلىق شارائىت ۋە ئاكتىپ ئامىللار جۇغلانماقتا، شۇڭا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىك يەنە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر -تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  لى چياڭ مۇتەخەسسىس ئالىملارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بىرىنچى پەسىلدە ياخشى باشلىنىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ئىككىنچى پەسىلدە داۋاملىق ئەسلىگە كەلدى. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك، دىيالېكتىكىلىق، يىراقنى كۆزلەپ تەھلىل قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، ھەم ئومۇمىيلىقىغا ھەم ئالاھىدىلىكىگە، ھەم ئېشىش سۈرئىتىگە ھەم قۇرۇلما ۋە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە، ھەم دۆلەت ئىچىگە ھەم دۇنياغا، ھەم نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ھەم كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە قاراش كېرەك. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىشىدەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرگىنى يوق، پەقەت ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتكەندىلا، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا تامامەن شارائىت ھازىرلىنىدۇ.

  لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرماقتا، قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، دەۋر خاراكتېرلىك زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتتى. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل، ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىياسەتنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، قاراتمىلىقى، بىرىكمىلىكى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بىر تۈركۈم سىياسەت - تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇش كېرەك. تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ «كۆزنەك مەزگىلى»نى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش چوڭ بازار بەرپا قىلىش، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. خىزمەتنىڭ ھەمتۈرتكىلىكىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىكىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلار قاتارلىق تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ دائىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ياخشىلاپ، ئىشەنچنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  لى چياڭ كەڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەتقىقات خىزمىتىدە ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىجابىي پىكىر-تەكلىپلەرنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. 

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ