شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ بىئونىڭ سېررالېئوننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
2023.07.07 09:55 مەنبە: خەلق تورى
7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇلىئۇس مائادا بىئوغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سېررالېئون جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ سېررالېئون بىلەن بولغان دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ھەمكارلاشتى. مەن جۇڭگو - سېررالېئون مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بىئو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو - سېررالېئون ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ