7- ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭ خەلق چوڭ سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ زۇڭلىسى سوگاۋارې بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا سوگاۋارې ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ زۇڭلىسى سوگاۋارې بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۆت يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەت بىر - بىرىگە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى دوست، تايانغىلى بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلارغا ئايلاندى. بۇ جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان توغرا تاللاش ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ. ئىككى دۆلەت يېڭى دەۋردە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگو سولومون تاقىم ئاراللىرى بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى سۆھبەت، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو سولومون تاقىم ئاراللىرى بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ تۇتاشتۇرۇپ، سودا سېلىنمىسى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئۇچۇر ئالاقىسى، ئېنېرگىيە - قېزىلما بايلىق، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ بەلگە خاراكتېرلىك ھەمكارلىق تۈرلىرىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك تىنچ ئوكيان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرى بىلەن مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ئەھۋالى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى چۈشىنىدۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل تەرەققىي قىلىشى ۋە خېيىم - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. جۇڭگو سولومون تاقىم ئاراللىرى بىلەن بىرلىكتە ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ مېخانىزمى ئاستىدا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان يادروسىز رايونىنى ئورتاق قوغداپ، رايونلارنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداشنى خالايدۇ.
سوگاۋارې مۇنداق بىلدۈردى: سولومون تاقىم ئاراللىرى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرى بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. سولومون تاقىم ئاراللىرى جۇڭگونىڭ سولومون تاقىم ئارىلى ۋە تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پائال ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگوغا قارىتىلغان جۇغراپىيەلىك سىياسىي نەيرەڭۋازلىققا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ رايونلار ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئوينىغان مۇھىم رولىغا يۈكسەك
ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. سولومون تاقىم ئاراللىرى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگو بىلەن سودا، سېلىنما، ئادىمىيەت، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى بىرلىكتە تەرەققىيات ھەمكارلىقى، سودا، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تاموژنا، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا سوگاۋارېنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
مەنبە: خەلق تورى ۋۇ جېڭلۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.