خەن جېڭ جۇڭگو - ئەنگلىيە سودىسى «مۇز يېرىش سەپىرى»نىڭ 70 يىللىقى پائالىيىتىگە قاتناشتى

2023.07.07 09:57 مەنبە: خەلق تورى

  7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا جۇڭگو - ئەنگلىيە سودىسى «مۇز يېرىش سەپىرى»نىڭ 70 يىللىقى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى.

  خەن جېڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىشى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. 70 يىل ئىلگىرى، جېك پېررى ئەپەندى ۋەكىللىكىدىكى ئەنگلىيە كارخانىچىلىرى غەربنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سودىسىدىكى قاتتىق مۇزنى چېقىپ تاشلاپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە ھەمكارلىقى دەرۋازىسىنى ئېچىپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە ئالاقىسى تارىخىدا داستان پۈتتى. ئۇزۇندىن بۇيان ئەنگلىيەدىكى 48 گۇرۇھ كۇلۇبى، ئەنگلىيە - جۇڭگو سودا جەمئىيىتى جۇڭگو - ئەنگلىيە دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭگو - ئەنگلىيە ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.

  خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئەنگلىيە ھەمكارلىقى بىر - بىرىگە غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭ ماھىيىتى ئۆز - ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ مۇز يېرىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، بولۇپمۇ ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو - ئەنگلىيە سودا - سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەردىن تەخمىنەن 100 كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى. 

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ