شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ مىرزىيويېفنىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2023.07.11 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شەۋكەت مىرزىيويېفقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى. مەن سىز بىلەن ئورناتقان ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە شەخسىي دوستلۇقنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ