7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مانگې بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى باشتىن ئاخىر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوڭقۇر راۋاجلاندى. جۇڭگو ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنى باشتىن - ئاخىر سەمىمىي دوست ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھ دەپ قارايدۇ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى بالداققا كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىنتايىن قىممەتلىك، ئىككى تەرەپ بايرىقى روشەن ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغدىشى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغدىشى كېرەك.
مانگې مۇنداق بىلدۈردى: ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى جۇڭگو بىلەن قېرىنداشلارچە دوستلۇققا ئىگە. جۇڭگونىڭ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىگە باشلامچىلىق بىلەن ياردەم بېرىپ يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يەنىمۇ يۈكسەلدى. ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى جۇڭگونى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ دەپ قارايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ