دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ زۇڭلىسى سوگاۋارې بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېڭى دەۋردە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئورناتقانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى ئۆزئارا ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى دوست، يۆلەك بولىدىغان ياخشى قېرىنداش. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ، جۇڭگو بىلەن تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، ئوخشاش بولمىغان چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، خەلقئارا چوڭ يۈزلىنىشكە ماس كەلگەن، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، توغرا تاللاش. جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ «2035 - يىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنى قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويۇلمايدىغان ئىقتىساد، تېخنىكا ياردىمى بىلەن داۋاملىق تەمىنلەيدۇ. ئىككى تەرەپ داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ 17 - نۆۋەتلىك تىنچ ئوكيان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە دائىر سىياسەتلىرىدە «تۆتكە تولۇق ھۆرمەت قىلىش»تا چىڭ تۇرۇلىدۇ: بىرىنچى، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنىپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ؛ ئىككىنچى، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىپ، پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ؛ تۆتىنچى، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنىپ، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ «كۆك رەڭلىك تىنچ ئوكيان 2050 - يىل ئىستراتېگىيەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىلىپ، تىنچ، ئىناق، بىخەتەر، سىغدۇرۇشچان، گۈللەنگەن كۆك رەڭلىك تىنچ ئوكيان قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ كەسكىن خىرىسىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى چۈشىنىدۇ، ئارال دۆلەتلىرى بىلەن مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى ۋە زومىگەرلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.
سوگاۋارې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ چىقارغان توغرا تاللاشتۇر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇل ئەسلىھە ھەمكارلىق ھەمراھى ۋە ئىشەنچلىك تەرەققىيات ھەمراھىغا ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قالتىس يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ ۋە قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيانىڭ قايىل بولۇشى ۋە ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سودا، سېلىنما، ئادىمىيەت، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، سولومون تاقىم ئاراللىرى - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا قارىتىلغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا قارشى تۇرىدۇ.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.