مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك

--باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2023.06.06 12:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى


  "جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، ئىجادىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ." مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: "جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ نۇرغۇن مۇھىم ئامىللىرى بار، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئورتاق يارىتىپ،" جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئىزچىللىققا، گەۋدىلىك يېڭىلىق يارىتىشچانلىققا، گەۋدىلىك بىردەكلىككە، گەۋدىلىك سىغدۇرۇشچانلىققا، گەۋدىلىك تىنچلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى، بۇ، بىزنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، دەۋرىمىزگە تەۋە يېڭى مەدەنىيەتنى ئورتاق تىرىشىپ يارىتىشىمىزدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.


  يىلتىزى چوڭقۇر بولسا، يوپۇرماقلىرى باراقسان بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيادىكى قەدىمىي ھەم ئۇلۇغ مىللەت بولۇپ، 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە، ئۇ دۇنيادا قەدىمدىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن، ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان بىردىنبىر مەدەنىيەت بولۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، مول ھەم چوڭقۇر قىممەت قارىشى ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۈگۈن بىز ئىشلىتىۋاتقان خەنزۇچە خەت چىغىناق - تارغاق يېزىقىدىن تۈپتىن پەرقلەنمەيدۇ، لاۋزى، كۇڭزى، مېڭزى، جۇاڭزى قاتارلىق دانىشمەنلەر يىغىنچاقلىغان بەزى قاراشلارمۇ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ كەلگەن بۇنداق مەدەنىيەت دۇنيادىكى مىللەتلەر ئارىسىدا كۆپ ئۇچرىمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگونى ئۇزاق تارىخقا ئىگە تارىخىي ئىزچىللىقتىن تونۇمىغاندا، قەدىمكى جۇڭگونى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، زامانىۋى جۇڭگونىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ، كەلگۈسى جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ.» تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇقەررەر ئۆز يولىدا مېڭىشىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن.كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك مەنىۋى خىسلىتى. نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى «جوۋ سۇلالىسى گەرچە كونا دۆلەت بولمىسۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەقدىرى يېڭىلىققا كۆچۈش» روھىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى باشلىدى. قەدىمدىن تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مەنىۋى ئىستىكى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنىڭ مول ئوزۇقى. نەچچە مىڭ يىللىق چوڭ تارىخ قارىشى ئارقىلىق ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ جۇڭگونىڭ تارىخىي نورماللىقى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش-تۇرماسلىق، كونىلىققا ھۆرمەت قىلىش - قىلماسلىقتەك ئالغا ئىنتىلىش روھىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى خىرىستىن قورقماي، يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك قورقماس پەزىلىتىنى بەلگىلىگەن.


  جۇڭگو تارىخى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق بەرپا قىلىش ، راۋاجلاندۇرۇش، مۇستەھكەملەش تارىخى. مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، قوشۇلۇشى، كۆپ مەنبەلىشىشىنىڭ بىر گەۋدە بولۇشى، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىر - بىرىنى قوبۇل قىلىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىر - بىرىگە تايىنىشى، ھېسسىيات جەھەتتىكى بىر - بىرىگە يېقىنلىشىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىق، بىرلىككە ئىنتىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن كەلگەن. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيىتىنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىنى، زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ مۇستەھكەم ئۇيۇشۇشىنى، دۆلەت زېمىنىنىڭ ئايرىلماسلىقىنى، دۆلەتنىڭ قالايمىقانلاشماسلىقىنى، مىللەتنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكىنى، مەدەنىيلىكنىڭ ئۈزۈلمەس ئورتاق ئېتىقادىنى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنىڭ مەڭگۈ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنىڭ يادروسى بولۇشىنى، كۈچلۈك بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلانغانلىقىنى بەلگىلىگەن.


  جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئەزەلدىن ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش بىلەن دۇنياغا داڭلىق، باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن بولغان بار - يوقنى ئالماشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك قىلىش داۋامىدا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، دۇنياغا چوڭقۇر ئىدىيەۋى سىستېما، مول پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت- سەنئەت نەتىجىلىرى، ئۆزگىچە تۈزۈم ئىجادىيىتىنى تەقدىم قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيلىكى مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بارلىق مەۋجۇداتلار بىر - بىرىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، بىر - بىرىگە زىت ئەمەس. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى دەل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.


  تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت تارىخىي يۆنىلىشىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، جۇڭگودا ھەرقايسى دىنىي ئېتىقاد كۆپ مەنبەلىك، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىناق ئەندىزىنى بەلگىلىگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدىغان كەڭ قورساقلىقىنى بەلگىلىگەن.


  تىنچلىق، ئىجىللىق، ئىناقلىق ئىستىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ تومۇرىغا چوڭقۇر سىڭگەن. «ئىناقلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» «پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش» «ئۇرۇش - ماجىرانى تىنچلىق، ئىناقلىققا ئايلاندۇرۇش» «دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولۇش» قاتارلىق ئىدىيەلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن. جۇڭگو تارىختا ئۇزاق مەزگىل دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن باشقا دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلغانلىقى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە يوق. 600 نەچچە يىل ئىلگىرى جېڭ خې غەربكە سەپەر قىلغاندا ئەينى چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كېمە ئەترىتىنى باشلاپ ماڭغان، ئېلىپ بارغىنى ئۇرۇش بولماستىن، بەلكى يىپەك، چاي ۋە فارفور بۇيۇملار بولۇپ، يول بويى بىر سۇڭ يەرنىمۇ ئىگىلىۋالمىغان. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك تىنچلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇشقا، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىدىغانلىقىنى، مەدەنىيەت زومىگەرلىكى قىلمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تاڭمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، قارشىلاشمايدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ «ئۆز كىشىلىرى بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان» گۇرۇھۋازلىق بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.


  مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت كۈچىيىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەيدىغان ئۇلۇغ ئىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشى بولمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمايدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماكرولۇق نەزەر سېلىنىپ، 2035 - يىلى مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشتا، بىز جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، تارىخىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ، بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا بىزنىڭ غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەۋقەنى باشتىن - ئاخىر ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى داۋامىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرساق، بىز چوقۇم تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، زامانىمىزدىكى شانلىق سەھىپىنى پۈتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەنىۋى كۈچنى كۈچەيتەلەيمىز.

مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ