«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش

2023.06.01 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 11 - سانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىدىغان سۆز بولۇپ، باش تۇتقا، تۈپ تۇتقىدۇر. پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى، ئىستىقبالى، تەقدىرى، ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ خاراكتېرى - ئاساسىي مەقسىتى، ئەسلىي مەقسىتى - بۇرچى، ئېتىقادى - ئىشەنچى، سىياسىتى - تەشەببۇسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قانداقتۇر باشقىچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ توغرا يولدا ئوڭۇشلۇق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيەمىز ماركسىزمنى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيەمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيەمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاندىن پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ، گۈللەپ ياشنايدۇ؛ ئۇنداق بولمايدىكەن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يۆنىلىشتىن چەتنەپ كېتىدۇ، روھتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ھەتتا ئەجەللىك خاتالىق سادىر بولىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشكە قەتئىي ئىرادە باغلاپ، ئۇلۇغۋار غايە بىلەن باسقۇچلۇق نىشاننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇدا كۈرەش قىلدى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلدى، بوشاشماي كۈرەش قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش كۈرەش نىشانىمىزنىڭ ھەممىسى تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلىدى، ئىزچىل بولدى ھەم ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز بېيىپ مۇكەممەللەشتى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا 2035 - يىلىغىچە بولغان دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ نىشان - تەلەپلىرى تېخىمۇ ئېنىق تۈزۈپ چىقىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى ئىلمىي سۈرەتلەپ بېرىلدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كۈرەش نىشانى بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ ئالغا سىلجىتىلدى ھەم پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، تارىخ سەھپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان شانلىق نەتىجىلەر ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈلدى.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بەرپا قىلىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر، شۇنداقلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى شەكىللەندۈردى ۋە راۋاجلاندۇردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى قاراشتىكى ئاسارەتلەردىن قەتئىي قۇتۇلۇپ، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى قەتئىي تۈگەتتى، ئىسلاھاتتا دائىرىلىك ئىزدىنىش، توسالغۇلارنى تۈگىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈگمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى قوشتى.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بەرپا قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ. پارتىيەمىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يۈزمىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، خەلق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدە، جەزمەن خەلققە چىڭ تايىنىپ، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. بىز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. پارتىيەمىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە ھەر خىل يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، باش قەھرىمانلىق روھى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كىشىلەرگە چاقىرىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ قۇدىرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ