شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننوردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەم چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يېڭى مۆجىزىسىنى يارىتىش كېرەك

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2023.06.07 15:03 مەنبە: خەلق تورى

  6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننوردا چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى


  6- ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننوردا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لىنخې رايونىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىنخۇا ئورمانچىلىق مەيدانىدا تەكشۈرۈشتە بولماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ باياننور شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئالىيجاناب ئىش. بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يېڭى مۆجىزىسىنى يارىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىن ئىبارەت بۇ تۈمەن چاقىرىملىق يېشىل توسۇقنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.


  6- ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن شاۋچېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ لىشيانىڭ ھەمراھلىقىدا، باياننور شەھىرىدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونى، ئورمانچىلىق مەيدانى، سۇچىلىق تارماقلىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.


  خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «几» خېتى شەكىللىك ئەگمىسىنىڭ چوققىسىغا جايلاشقان ئۇلاستاي كۆلى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى ئەڭ چوڭ كۆل سۇلۇق يېرى بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارىنى تەڭشەش، سۇ سۈپىتىنى ساپلاشتۇرۇش، مۇز كەپلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق مۇھىم فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئالغان، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆپلىگەن ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيە گىرەلەشكەن رايون، بېيجىڭ - تيەنجىننىڭ قۇم - بوران مەنبەسىنى تىزگىنلەيدىغان تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك توسۇق. 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، شۇ جاينىڭ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى، ئۇلاستاي كۆلىنىڭ تەبىئىي قىياپىتى ۋە ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇلاستاي كۆلى ۋادىسىنى ياخشى تۈزەش دۆلىتىمىز شىمالىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلاستاي كۆلىنى تۈزەش ۋە قوغداشنىڭ يۆنىلىشى ئايدىڭ بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تۈزەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاسراپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بۇ «چېگرا بوستانلىقىدىكى مەرۋايىت»نى ياخشى قوغداپ، ئەۋلادلارغا تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، ھاۋاسى ساپ گۈزەل ماكان قالدۇرۇش كېرەك.


  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئۇلاستاي كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونىغا كېلىپ، تۇپراق، ئۇرۇق ئەۋرىشكىسى قاتارلىقلارنىڭ كۆرگەزمىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شۇ جاينىڭ شورلۇق، قۇملۇق، قاقاسلىقنى ياخشىلاش، ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي سۇغىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇملاشتۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ ئېتىزلارغا كىرىپ، بۇغداي، لازىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، نەق مەيداندىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىدىن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، بۇ جايغا ماس كېلىدىغان سورت، تېخنىكا ۋە تېرىقچىلىق شەكلىنى تېپىپ چىقىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. خېتاۋ رايونىنىڭ شارائىتى ئەۋزەل، گەرچە سۇ كەمچىل بولمىسىمۇ، لېكىن سۇ بايلىقىنى تېجەپ، زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى ۋە سۇ تېجەيدىغان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، باستۇرۇپ سۇغىرىشقا بولمايدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ يايلاقلىرىدا چارۋا باقىدىغان ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ئارام ئالدۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.


  6- ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ لىنخې رايونى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىنخۇا ئورمانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. 1978 - يىلىدىن باشلاپ بۇ ئورمانچىلىق مەيدانى تېرىلغۇ يەرنىڭ شورلىشىشىدىن كېلىپ چىققان يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، جەمئىي 39 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلدى. ئورمانچىلىق مەيدانىدا، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى ۋە ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بەرپا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم تىزگىنلىنىۋاتقان قۇملۇقنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنسانلار تېخىمۇ ياخشى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشتا چوقۇم قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشى، قۇمنى تىزگىنلىشى كېرەك. بۇ، تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش جەريانى بولۇپ، ئازراقلا بوشىشىپ قالساق تەكرارلىنىش كۆرۈلىدۇ. «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش مۇشۇنداق مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. ئۈچ شىمال رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسى ئىنتايىن ئاجىز، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بىر ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي ۋەزىپە، بىز جەزمەن بۇ خىزمەتنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئەجدادلىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا يۈز كېلەلىشىمىز كېرەك. ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق ئىكەن، شۇنداقلا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىشلىنىپتۇ، داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى ئىلمىي ماقالىنى كەڭ تۇپراققا يېزىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا شەكىللەنگەن ھەقىقىي بىلىمىنى ئىلمىي ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغان ھەقىقىي دوكتور، ھەقىقىي مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇشى كېرەك.


  شى جىنپىڭ ئارقىدىن خېتاۋ سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ مىقدارىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. خېتاۋ سۇغىرىش رايونى دۆلىتىمىزدىكى ئۈچ ئالاھىدە چوڭ سۇغىرىش رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر مۇكەممەل بولغان يەتتە دەرىجىلىك سۇغىرىش - زەي چىقىرىش سىستېمىسى شەكىللەندى. شى جىنپىڭ قۇم مودېل، ئېكرانغا بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، خېتاۋ سۇغىرىش رايونىنىڭ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، سۇ بايلىقىدىن يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خېتاۋ سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى مىڭ يىللىق ئىش، ئۇنىڭغا زور كۈچ سەرپ قىلىنغان، ھەم شۇنداق قىلىشقا ناھايىتى ئەرزىيدۇ. داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈكسەلدۈرۈپ، ئىلمىي سۇ بۆلۈش - تەڭشەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىپ، كۆپ مەنبەلەشكەن سېلىنما مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى قاتنىشىشقا ئامالنىڭ بارىچە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.


  6- ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ باياننور شەھىرىدە چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ گۇاڭخۇا، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن شاۋچېڭ، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇ چاڭشېڭ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لياڭ يەنشۈن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يازما سۆز تاپشۇردى.


  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە قىلىپ، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى سىستېما قۇرۇلۇشى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، بېيجىڭ - تيەنجىننىڭ قۇم - بوران مەنبەسىنى تۈزەش قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويدى. 40 نەچچە يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نۇقتىلىق تىزگىنلەش رايونلىرىدا «قۇم ئىلگىرىلەش، ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەش، قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان تارىخىي بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ياخشى ئايلىنىشقا قەدەم قويۇپ، چۆللەشكەن رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيەلىك قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. چۆللىشىش ۋە يەرنىڭ قۇملىشىشىدا «قوش ئازايتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قۇم - بوران خەۋپى ۋە سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشكە دائىر قانۇن - بەلگىلىمە سىستېمىسى كۈندىن - كۈنگە تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يېشىللىق ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، «ئۈچ شىمال روھى» بەرپا قىلىنىپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەشتىكى خەلقئارالىق ئۈلگە تىكلەندى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بولۇپمۇ «ئۈچ شىمال» قاتارلىق قۇرۇلۇشلار توغرىسىدىكى تەدبىرى ئىنتايىن توغرا، ئىنتايىن مول يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىز تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن، دۆلەت ئەھۋالى، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلگەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يولىدا ماڭدى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چۆللىشىش ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يەرشارىۋى خاراكتېرلىك مۇھىم، زور ئېكولوگىيە مەسىلىسى. دۆلىتىمىز دۇنيا بوپىچە چۆللىشىش ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، چۆللەشكەن يەرلەر ئاساسلىقى ئۈچ شىمال رايونىغا تارقالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۆللەشكەن رايونلار ئىقتىسادى تەرەققىي تاپمىغان رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار قاتارلىقلار بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە باغلىنىشلىق. چۆللىشىش، قۇم - بوران خەۋپى ۋە سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئېكولوگىيە ئاپىتى ئۈچ شىمال رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. ھازىر، دۆلىتىمىزدە چۆللەشكەن، قۇملاشقان يەرلەرنى تۈزەشتە «ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىش، ياخشىلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىش»تەك ياخشى ھالەت كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق قۇملاشقان يەرلەرنىڭ كۆلىمى چوڭ، تارقىلىشى كەڭ، دەرىجىسى ئېغىر، تۈزەش قىيىن بولۇشتەك ئاساسىي ھالىتى تېخى تۈپتىن ئۆزگەرمىدى. بۇ ئىككى يىلدا، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ بىنورمال تەسىرىدە دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدا قۇم - بورانلىق ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى بەلگىلىك كۆپەيدى. ئەمەلىيەت شۇنى بىلدۈردىكى، دۆلىتىمىزدە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتى ۋەزىيىتى ھېلىھەم كەسكىن بولۇۋاتىدۇ. بىز قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۈشكۈللۈكى، تەكرارلىنىشچانلىقى ۋە ئېنىقسىزلىقىنى تولۇق تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2021 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ 6 - قارارلىق قۇرۇلۇش مەزگىلى بولۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقىنى مۇستەھكەملەشنى تۈپ نىشان قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاپەتكە قاراپ مۇداپىئەلىنىپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئون يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قىلىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنى شىمالىي چېگرادىكى ئىقتىدارى مۇكەممەل، يىمىرىلمەس يېشىل سەددىچىن سېپىلى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىش كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈكنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇنى تۈزەش، تاغنى تۈزەشتىكى تولۇق ئامىللىق ماسلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساغلام، مۇقىم، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. رايونلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەمۇرىي رايونلار پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قۇملۇقنىڭ چېتى ۋە ئىچكىرىسى، بوران ئېغىزى ۋە شامالغا قارشى ئېغىز، قۇملۇق مەنبەسى رايونى ۋە يول بويى رايونلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يولغا قويۇپ، نۇقتا، لىنىيە، دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن ئېكولوگىيە مۇھاپىزەت تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقتا يەردىن پايدىلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، زۆرۈر بولغان ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى يېتەرلىك قالدۇرۇپ، تەستە بەرپا قىلىنغان ئوتلاق، ئورمانلارنى ياخشى قوغداش كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈچ چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك جەڭنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى «几خەتلىك ئەگمە» ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، ماۋۋۇسۇ قۇملۇق يېرى، كۆپچى قۇملۇقى، خېلەنشەن تېغى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك سىستېمىلىق تۈزەش تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، قۇملاشقان يەرنى تۈزەشنى تېزلىتىپ، خېتاۋ تۈزلەڭلىكىدىكى دەريا، كۆل، سۇلۇق يەر ۋە تەبىئىي ئوتلاقنى قوغداپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋە سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. خورچىن، خۇنشەنداقتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇق يېرىنى يوقىتىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يوقىتىش جېڭى قىلىش كېرەك. خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى چېتى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، چىليەنشەن تېغى، تىيانشان تېغى، ئالتاي تېغى، خېلەنشەن تېغى، ليۇپەنشەن تېغى قاتارلىق رايونلاردىكى تەبىئىي ئورمان، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قورشاپ يېتىشتۈرۈش، دائىرىلىك قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، چېكىنگەن ئورمان ۋە چېكىنگەن ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قۇم مەنبەسىنىڭ كېڭىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، سۇ ئارقىلىق يېشىللىق كۆلىمىنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق يەرنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق ئادەمنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق كەسىپنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئەڭ چوڭ قاتتىق چەكلىمە قىلىپ، سۇ تېجەيدىغان ئورمان، ئوتلاقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئىلمىي تاللاپ، ئورمان، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تىپى ۋە زىچلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، دەرەخ، چاتقال، ئوت - چۆپنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمان تورى، ئورمان بەلبېغى ھەم بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بويىچە قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالايدىغان ئورمان، ئوتلاق بەلبېغى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۈنۈملۈك تۈزەش ئەندىزىسىنى ئىلمىي كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى»نى ئادا قىلىپ، يەرشارىۋى چۆللىشىش بويىچە مۇھىتنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى - تىزگىنلىشىنى قوللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى سىياسەت جەھەتتە سۆزلىشىش ۋە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، قۇم - بورانلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.


  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكىلەر باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىش،ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى مەبلەغ مەدىتى ۋە سىياسەت تىرىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇقىم، سىجىل بولغان سېلىنما مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، قەتئىي بوشاشماي «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


  لى گەنجيې قاتارلىقلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، خې لىفېڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى، ما شىڭرۇي ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ