دىڭ شۆشياڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسى 8 - نۆۋەتلىك كېڭىشى يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.06.01 09:59 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ شاڭخەيدە يېڭى تەرەققىيات بانكىسى 8 - نۆۋەتلىك كېڭىشى يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تەرەققىيات بانكىسى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ئابىدە. رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 14 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ زورىيىشى، كۈچىيىشىنى قوللاپ، يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىشنى كۆرسەتتى. جۇڭگو قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت ۋە ساھىبخان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن - ئاخىر باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇقىم تىجارەت قىلىشى ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ كەسپى سىجىل كېڭەيدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەزا كۆپەيتىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى مۇقىم ئېشىپ، كۆپ تەرەپ تەرەققىيات ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن كۈچىگە ئايلاندى.

  دىڭ شۆشياڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ «ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت كېسەك ئالتۇن روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئورتاق يارىتىشىنى؛ بىرىنچىدىن، دۇنياۋى تەرەققىيات ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى قوللاپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى؛ ئىككىنچىدىن، دۇنياۋى تەرەققىياتتىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان ھەمراھلارنى داۋاملىق تەكلىپ قىلىپ، كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقىدىكى «كېسەك ئالتۇن ئۈلگىسى»نى بەرپا قىلىپ، باشقا كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە مەدەت بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىشىنى؛ ئۈچىنچىدىن، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلىشىغا ياردەم بېرىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىنى؛ تۆتىنچىدىن، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە زور كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، ئۆز پۇلى بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، باشقا كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى، سودا بانكىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى؛ بەشىنچىدىن، خەلقئارا ئىقتىسادنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، دىڭ شۆشياڭ يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى روسسېف بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ دۇنياۋى تەرەققىيات ھەمكارلىق ۋەزىيىتى ۋە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ رولى، جۇڭگو بىلەن يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئارقىدىن دىڭ شۆشياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جىنىڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتىيېڭى تەرەققىيات بانكىسى 8 - نۆۋەتلىك كېڭىشى يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىنى يارىتىش» بولدى. يېڭى تەرەققىيات بانكىسىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كېڭەش ئەزالىرى، ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى كېڭەشنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ