ۋاڭ خۇنىڭ يېڭى پارتىيەنىڭ رەئىسى ۋۇ چېڭديەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2023.06.07 00:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا يېڭى پارتىيەنىڭ رەئىسى ۋۇ چېڭديەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ خۇنىڭ يېڭى پارتىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمىز.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق بۇرچى. «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش»، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ۋە جۇڭخۇا مىللىتىگە ئەڭ پايدىلىق. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈپ مەقسەت ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى ۋە بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» دۆلەتنى پارچىلايدىغان ئېغىر جىنايەت، ماڭغىلى بولمايدىغان تۇيۇق يول، ئۇ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئارالدىكى يېڭى پارتىيە قاتارلىق بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋەتەنپەرۋەر كۈچلىرىنى قەتئىي قوللاپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە ۋە سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى، يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىمىز.

  ۋۇ چېڭديەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلىككە كېلىش تارىخىي يۈزلىنىش، بىرلىككە كەلگەندىلا تەيۋەننىڭ چىقىش يولى بولىدۇ. يېڭى پارتىيە بايرىقى روشەن ھالدا تىنچ بىرلىككە كېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىككى قىرغاق ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق، قول تۇتۇشۇپ تىنچ بىرلىككە كېلىش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ