خەن جېڭ تايلاند مەلىكىسى سىرىندورن بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مەلىكىنىڭ 50 - قېتىملىق جۇڭگو زىيارىتىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى

2023.06.06 12:58 مەنبە: خەلق تورى

  6– ئاينىڭ 5 – كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا تايلاند مەلىكىسى سىرىندورن بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مەلىكىنىڭ 50 - قېتىملىق جۇڭگو زىيارىتىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.


  خەن جېڭ مەلىكە سىرىندورننىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇنىڭدىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پادىشاھ ۋاجىرالۇڭكورنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلدى ۋە مەلىكە سىرىندورننىڭ 1981 - يىلى تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا زور ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكى ۋە مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.


  خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ دوستلۇقى 1000 يىلدىن ھالقىدى، جۇڭگو - تايلاند مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملىنىپ كەلدى. جۇڭگو تايلاند بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو - تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ئەنئەنىۋى مۇھەببىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.


  سىرىندورن جۇڭگونىڭ تايلاندنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: 50 قېتىم جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە دوستلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. جۇڭگونىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشنىشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ