خەن جېڭ ئەنگلىيە يىخې پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بەنجامىن كەسۋىك بىلەن كۆرۈشتى

2023.06.05 10:14 مەنبە: خەلق تورى

  6-ئاينىڭ 1-كۈنى، خەن جېڭ بېيجىڭدا ئەنگلىيە يىخې پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بەنجامىن كەسۋىك بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتەك مەركىزىي ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغدايدۇ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ. دۇنيا بىر يەر شارى كەنتى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، ئېلاستىكىلىقى يېتەرلىك بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىي قىلىشىغا مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو يىخې شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ جۇڭگودا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلانلىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى قوللايدۇ.

  كەسۋىك جۇڭگودىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ شىركەتنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، شىركەتنىڭ جۇڭگو بازىرىنىڭ ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى، جۇڭگودىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ