مۇھىم خەۋەرلەر

لى چياڭ گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2023.06.07 00:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ خەلق سارىيىدا گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى كلىنبېر باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەلەر ئارا ئالاقە جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى كۈچەيتىپ، گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت قالايمىقانلىشىپ، چىگىچلىشىپ كەتتى، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە تەسىر كۈچى بار چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمكارلىقتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق، ئېنىقلىق ئاتا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئاساسىنى ئورتاق قوغداپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئومۇمىيىتى ۋە خەلق مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ، بازار ئىجازىتىنى سىجىل قويۇۋېتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ پۇقراۋى تەمىناتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپا سىياسىي سەھنىسىدىكى مۇھىم تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاقىلانە، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ۋە سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشتەك جۇڭگوغا قارىتىلغان سىياسەت ئاساسىي رىتىمىنى ساقلاپ، جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كلىنبېر گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىزنىڭ زۇڭلى لى چياڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ، گېرمانىيەنىڭ 7-نۆۋەتلىك گېرمانىيە-جۇڭگو ھۆكۈمىتى كېڭىشىگە پائال تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى كېڭىشىشتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقىلى 40 يىلغا يېقىن بولدى، جۇڭگو بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئىزچىل كۈچەپ، گېرمانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ گېرمانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە ئورتاق مەسئۇل بولىدۇ. گېرمانىيە جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق يولغا قويغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش» گېرمانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تاللىشى ئەمەس دەپ قارايدۇ. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك سۆزلىشىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، گېرمانىيە-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، گېرمانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ