شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

​لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى قاتناشتى

2023.05.31 10:09 مەنبە: خەلق تورى

  ■ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۇچ كەلگەن مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، مۇھىم، زور دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

  ■ مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، ئىستراتېگىيە سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى

  ■ ھازىر بىز دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى، مۈشكۈللۈك دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سېپى ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە پايدىلىق شارائىتنى تولۇق كۆرۈشى كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ ئېغىر، زور سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي جەڭ قىلىش، ئەمەلىي قوللىنىش روشەن يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، پەن - تېخنىكا كۈچ قوشۇش، ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشلارنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇپ توپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ■ يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزىمىزگە پايدىلىق تاشقى خەۋپسىزلىك مۇھىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يارىتىپ، ئېچىۋېتىش خەۋپسىزلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە يارىتىش ۋاسىتىسى، ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىي نەزەرىيە ئارقىلىق يېتەكلەپ، كۈچ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچ قوشۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ - خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىش كېرەك

  ■ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى قوغداش، تور سانلىق مەلۇماتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۇچ كەلگەن مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، مۇھىم، زور دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، سەي چى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، ئىستراتېگىيە سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر بىز دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى، مۈشكۈللۈك دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سېپى ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە پايدىلىق شارائىتنى تولۇق كۆرۈشى كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ ئېغىر، زور سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي جەڭ قىلىش، ئەمەلىي قوللىنىش روشەن يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، پەن - تېخنىكا كۈچ قوشۇش، ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشلارنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇپ توپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزىمىزگە پايدىلىق تاشقى خەۋپسىزلىك مۇھىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يارىتىپ، ئېچىۋېتىش خەۋپسىزلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە يارىتىش ۋاسىتىسى، ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىي نەزەرىيە ئارقىلىق يېتەكلەپ، كۈچ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچ قوشۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ - خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى قوغداش، تور سانلىق مەلۇماتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىخەتەرلىكى بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  مەركىزىي كومىتېت دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى، ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ