شى جىنپىڭ بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋردىكى ياخشى بالىلاردىن بولۇش كېرەك

پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى

2023.06.01 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

  تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋردىكى ياخشى بالىلاردىن بولۇش كېرەك

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى

  سەي چى، دىڭ شۆشياڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

  ■ ئۆسمۈر - بالىلار ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈمىدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بالىلىرى ئىرادىسى بار، غايىسى بار، ئۆگىنىشنى سۆيىدىغان، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، دوستلۇقنى بىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن ياخشى بالىلاردىن بولۇشى كېرەك. ساۋاقداشلارنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن

  ■ مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايە - ئېتىقادى، ئەخلاق - پەزىلىتى، بىلىم ۋە ئەقلىي ئىقتىدارى، جىسمانىي ۋە پىسخىك ساپاسى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تەربىيەلىنىشنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. «ئىككىنى ئازايتىش» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە بىر جەريان كېتىدۇ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. ئاتا - ئانىلار، مەكتەپ، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى تونۇشنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، «ئىككىنى ئازايتىش» خىزمەت تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۈيىڭ مەكتىپى شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە روشەن قىزىل گېنغا ئىگە. ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يۈيىڭ مەكتىپىدىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنى مەكتەپنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى قەلبكە پۈكۈپ، قىزىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىدىغان، كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان، پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا، دۆلەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىرادە باغلايدىغان قىلىش كېرەك

  ■ ئادەمنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك مەزگىل ئالتۇن مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتا بەدەننىڭ ئۆسۈشى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، سالامەتلىك ياخشى بولغاندىلا، كېيىنكى بىر ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش، خىزمەت ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ. تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىش ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. ھازىر تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى، بالىلار ئوزۇقلۇق يەپ سەمرىپ كەتمەستىن، بەلكى ساغلام ئۆسۈشى، چېنىقىپ قاۋۇل بولۇشى كېرەك. تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىشنى كىچىك ۋاقىتتىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك، تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىش كۆپرەك بولسا، «بودەك»لەر، «كۆزەينەكلىك»لەر ئازراق بولىدۇ. مەكتەپلەر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇق، ياخشى سەپلىشى، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ تەن ۋە زېھنىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك

  ■ نۇرغۇن بىلىم ۋە داۋلىنىڭ ھەممىسى ئەمگەكتىن، تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئەمگەك قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا، ئەمگەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە، ئەمگەك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك، بۇ، ئۇلارنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىگە پايدىلىق. يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، جانلىق بولغان ئەمگەكنى ھېس قىلىش دەرسى ئارقىلىق، بالىلارنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش، ئۆزى بىۋاسىتە ھېس قىلىش، ئۆزى تەسىراتقا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى بالىلارنىڭ قەلبىدە بالدۇرراق چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك

  ■ ساۋاقداشلارنىڭ كىچىكىڭلاردىن باشلاپ «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن ئىرادىنى تۇرغۇزۇپ، ھازىر باتۇرلۇق بىلەن كىچىك ئالىم بولۇپ، كەلگۈسىدە تىرىشىپ چوڭ ئالىم بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

  ■ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ سىستېمىسى ياخشى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپى دۇنيادا ئەۋزەللىككە ئىگە، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ياخشى نەرسىلىرىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلنىڭ ياخشى نەرسىلىرىدىن ياخشى ئۆرنەك ئېلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئوچۇق تەرەققىي قىلىپ، بالىلارنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىگە، تېخىمۇ كەڭ پىكىر يولىغا، تېخىمۇ ئوچۇق قاراشقا ئىگە قىلىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن دۇنيا مۆجىزىسىنى يارىتالايدىغان دۆلەت تايانچلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك

  ■ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە، ئاچقۇچ ئوقۇتقۇچىلاردا. كەڭ ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق مائارىپچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچەيتىشى، ئەخلاق ئارقىلىق ئىلىم ئىگىلىشى، ئەخلاق ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەتتىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بەس - بەستە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك

  ■ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تىرىشىپ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى. مەن ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت بالىلار چوقۇم بارغانسېرى بەختلىك بولىدۇ، چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى بالىلارغا، بولۇپمۇ يېتىم بالىلار ۋە مېيىپ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، بارلىق بالىلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەختلىك، گۈزەل بالىلىق دەۋرىنىڭ بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك

  ■ بۈگۈنكى ئۆسمۈر - بالىلار قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى ئاساسىي قوشۇن. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىزنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ھازىر بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىمىز، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىڭلارغا تايىنىمىز

  5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىگە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئوقۇغۇچىلار دېھقانچىلىق مەيدانىدا يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ئەمەلىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىگە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئىلىم - پەن سىنىپىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىگە كېلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆسمۈر - بالىلار ۋەتەننىڭ كېلەچىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈمىدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بالىلىرى ئىرادىسى بار، غايىسى بار، ئۆگىنىشنى سۆيىدىغان، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، دوستلۇقنى بىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن ياخشى بالىلاردىن بولۇشى كېرەك. ساۋاقداشلارنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپى 1948 - يىلى خېبېي شىبەيپودا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىي «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار تەمىنات بۆلۈمى يۈيىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى» ئىدى. 75 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە مەكتەپ باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشكە يېتەكلىدى.

  شى جىنپىڭ مەكتەپكە كېلىپ، ئالدى بىلەن مەكتەپ تارىخى سارىيىغا كىرىپ، مەكتەپنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى، قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، «ئىككىنى ئازايتىش» سىياسەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايە - ئېتىقادى، ئەخلاق - پەزىلىتى، بىلىم ۋە ئەقلىي ئىقتىدارى، جىسمانىي ۋە پىسخىك ساپاسى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تەربىيەلىنىشنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. «ئىككىنى ئازايتىش» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە بىر جەريان كېتىدۇ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. ئاتا - ئانىلار، مەكتەپ، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى تونۇشنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، «ئىككىنى ئازايتىش» خىزمەت تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۈيىڭ مەكتىپى شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە روشەن قىزىل گېنغا ئىگە. ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يۈيىڭ مەكتىپىدىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنى مەكتەپنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى قەلبكە پۈكۈپ، قىزىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىدىغان، كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان، پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا، دۆلەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىرادە باغلايدىغان قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ پىيادە يۈرۈپ مەكتەپ مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ۋاسكېتبول مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار ۋاسكېتبول ئويناپ، ئارغامچا سەكرەپ، تەنتەربىيە دەرسىگە قاتنىشىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئادەمنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە ياشلىق، ئۆسمۈرلۈك مەزگىل ئالتۇن مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتا بەدەننىڭ ئۆسۈشى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، سالامەتلىك ياخشى بولغاندىلا، كېيىنكى بىر ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش، خىزمەت ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ. تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىش ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. ھازىر تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى، بالىلار ئوزۇقلۇق يەپ سەمرىپ كەتمەستىن، بەلكى ساغلام ئۆسۈشى، چېنىقىپ قاۋۇل بولۇشى كېرەك. تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىشنى كىچىك ۋاقىتتىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك، تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىش كۆپرەك بولسا، «بودەك»لەر، «كۆزەينەكلىك»لەر ئازراق بولىدۇ. مەكتەپلەر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇق، ياخشى سەپلىشى، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ تەن ۋە زېھنىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئوقۇغۇچىلار دېھقانچىلىق مەيدانىغا كەلدى. بۇ يەر ئوقۇغۇچىلار يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغان ئەمەلىيەت مەيدانى بولۇپ، قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئېتىز - قىرلاردا قاتار - قاتار ياپيېشىل كۆكتات مايسىلىرى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. بالىلار چېلەك، گۈرجەك، تىرنا، موي قەلەملەرنى ئېلىپ، شوخلا، خاڭگا قاتارلىقلارنى سۇغىرىۋاتاتتى، توپىسىنى بوشىتىپ، ئوت - چۆپلەرنى ئوتاۋاتاتتى، مايسىلارنى چاڭلاشتۇرۇۋاتاتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نۇرغۇن بىلىم ۋە داۋلىنىڭ ھەممىسى ئەمگەكتىن، تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئەمگەك قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا، ئەمگەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە، ئەمگەك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك، بۇ، ئۇلارنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىگە پايدىلىق. ھازىر، شەھەردىكى بەزى بالىلارنىڭ يېزا بىلەن ئۇچرىشىشى، تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىشى ئاز، «قول - پۇتلىرى گال» بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى زىرائەتلەرنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، يەۋاتقىنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، قانداق كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، «قاچىدىكى تائاملارنىڭ جاپالىق ئەجىردىن كەلگەنلىكى»نى تېخىمۇ ھېس قىلالمايدۇ. ئۇ ساۋاقداشلارغا مۇنداق دېدى: تەبىئەتنى تونۇشتا، ئىشنى ئالدى بىلەن ئەتراپىمىزدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تونۇشتىن باشلاش كېرەك. ساۋاقداشلار ئۆستۈرگەن تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر گەرچە كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئۆز قولۇڭلار بىلەن تېرىپ، ئۆزۈڭلار يېتىشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ كۆزەتسەڭلار ھاسىلاتىڭلار جەزمەن ئوخشىمايدۇ. ساۋاقداشلارنىڭ «دېھقانچىلىقنى ئۆگىنىش» داۋامىدا تېرىقچىلىقنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكى ۋە دېھقان بولۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئاشلىقنى قەدىرلەيدىغان، تەبىئەتنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى ئادەتنى كىچىكىڭلاردىن باشلاپ يېتىلدۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، جانلىق بولغان ئەمگەكنى ھېس قىلىش دەرسى ئارقىلىق، بالىلارنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش، ئۆزى بىۋاسىتە ھېس قىلىش، ئۆزى تەسىراتقا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى بالىلارنىڭ قەلبىدە بالدۇرراق چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

  مەكتەپ سىسۇڭ بىناسىنىڭ 2 - قەۋىتىدىكى ئىلىم - پەن دەرسى سىنىپىدىن پات - پات خۇشال كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، شى جىنپىڭ سىنىپقا كىرىپ كەلدى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار باش شۇجىغا ئۆزلىرىنىڭ ئۆگەنگەن تۈز سىزىقلىق ھەرىكەت، ئەگرى سىزىقلىق ھەرىكەت، يانتۇ يۈزلۈك ھەرىكەت قاتارلىق بىلىملەردىن پايدىلىنىپ، كۇبىكتىن غالتەكلىك سېيرىلغۇچ مودېلى ياساپ دەلىللەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلىم - پەن تەجرىبە دەرسى بالىلارنىڭ ئىلمىي تەپەككۇرى، نامەلۇملۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش قىزىقىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى يېتىلدۈرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ساۋاقداشلارنىڭ كىچىكىڭلاردىن باشلاپ «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن ئىرادىنى تۇرغۇزۇپ، ھازىر باتۇرلۇق بىلەن كىچىك ئالىم بولۇپ، كەلگۈسىدە تىرىشىپ چوڭ ئالىم بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن 5 - يىللىقنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىغا كېلىپ، مۇھاكىمە قىلىۋاتقان، دەرس تەييارلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى يوقلاپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت دەرسىنىڭ قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ سىستېمىسى ياخشى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپى دۇنيادا ئەۋزەللىككە ئىگە، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ياخشى نەرسىلىرىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلنىڭ ياخشى نەرسىلىرىدىن ياخشى ئۆرنەك ئېلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئوچۇق تەرەققىي قىلىپ، بالىلارنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىگە، تېخىمۇ كەڭ پىكىر يولىغا، تېخىمۇ ئوچۇق قاراشقا ئىگە قىلىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن دۇنيا مۆجىزىسىنى يارىتالايدىغان دۆلەت تايانچلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە، ئاچقۇچ ئوقۇتقۇچىلاردا. كەڭ ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق مائارىپچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچەيتىشى، ئەخلاق ئارقىلىق ئىلىم ئىگىلىشى، ئەخلاق ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەتتىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بەس - بەستە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  مەكتەپتىكى كىچىك مەيداندا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار باش شۇجىنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ساغلام ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن ئالايىتەن بېيجىڭ يۈيىڭ مەكتىپىگە كېلىپ كۆپچىلىكنى يوقلاپ، كىچىك دوستلار بىلەن «1 - ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدىم. ساۋاقداشلارنىڭ سەبىي، تېتىك، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ئىكەنلىكىنى، چېھرىدە بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تىرىشىپ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى. مەن ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت بالىلار چوقۇم بارغانسېرى بەختلىك بولىدۇ، چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى بالىلارغا، بولۇپمۇ يېتىم بالىلار ۋە مېيىپ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، بارلىق بالىلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەختلىك، گۈزەل بالىلىق دەۋرىنىڭ بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ساۋاقداشلارغا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى ئۆسمۈر - بالىلار قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى ئاساسىي قوشۇن. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلىتىمىزنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ھازىر بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىمىز، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىڭلارغا تايىنىمىز.

  شى جىنپىڭ كەڭ ئاتا - ئانىلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇقەددەس ئىش ئورنىدا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  يىن لى ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ