مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭى ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش-مۇھاكىمە كۇرسى ئېچىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.06.01 00:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ يېڭى ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش، مۇھاكىمە كۇرسى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، 21-ئەسىردىكى ماركسىزم، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. خەلق سىياسىي كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ئىگىلەشنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى قىلىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىچكىلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپ تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ئورنى ۋە بۇرچىنى ئىگىلەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى، سىياسىي ئىقتىدارىنى، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆز خىزمىتىدىكى باشلامچىلىق رولىنى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى سۇبيېكتلىق رولىنى، ساھە ئاممىسى ئارىسىدىكى ۋەكىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى تۈزۈمىدە ئورتاق ياخشى چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ مۇددىتى ئۈچ كۈن بولۇپ، مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى سىياسىي كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئەزالار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1100 دىن ئارتۇق يېڭى ئەزاسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىدىكى شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا سىنلىق ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ماس قەدەمدە ئۆگىنىپ مۇھاكىمە قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ چۈنخۇا كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، باتېر، شاۋ خۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ