مۇھىم خەۋەرلەر

مېڭ شياڭ 22 مىليون 740 مىڭ يۈەن پارا ئېلىپ، 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2023.04.12 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  2023-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئىجرا ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى مېڭ شياڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئېچىپ، مېڭ شىياڭغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 12 يىللىق قاماق جازاسى بەردى، قوشۇمچە 2 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى؛ مېڭ شياڭنىڭ ئەنگە ئېلىنىپ تۇتۇپ قېلىنغان ۋە توڭلىتىلغان پارا ئېلىش تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

  سوت قىلىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، 2003-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جاۋابكار مېڭ شياڭ بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى، بېيجىڭ شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى، باشلىقى، بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ئىجرا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىسى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلار ئارقىلىق ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ئۈچۈن سوت ئېچىش، ئىجرا قىلىش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش ۋە كادىرلارنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، ئومۇمىي قىممىتى 22 مىليون 740 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

  جېڭجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار مېڭ شياڭنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، پارا ئېلىش سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغان دەپ قارىدى. مېڭ شياڭنىڭ دېلودىن كېيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلىمىگەن بىر قىسىم پارا ئېلىش پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىپ، زاڭ مالنى ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇرغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، پارا ئالغان پۇل ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسىنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ قالدى، ئۇنىڭدا قانۇندا بەلگىلەنگەن، ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولغانلىقتىن ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ. سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ