مۇھىم خەۋەرلەر

ج خ مىنىستىرلىقى: بۇنداق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلىدۇ!

2023.04.12 13:44 مەنبە: خەلق تورى

  2022-يىلى ج خ ئورگانلىرى 330 دىن ئارتۇق «ياشانغانلارنى بېقىش، بالىلارنى تەربىيەلەش»، «تيەنشىن مۆھۈرى» قاتارلىق مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرىدىكى ئالدامچىلىق دېلوسىنى پاش قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ 11-چېسلا ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2022-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرىدىكى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە زەربە بېرىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 330دىن ئارتۇق دېلونى پاش قىلىپ، 170تىن ئارتۇق جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 2 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرىدىكى ئالدامچىلىق جىنايەتلىرى كۆپ ھاللاردا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەت-ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى، تامغىسىنى يالغاندىن ياساش، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق «مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش»، «ھۆكۈمەت بېقىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش»، «خەير-ساخاۋەت ئىئانىسى توپلاش پائالىيىتى» تەسىس قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلىپ قىلىپ، ئۇلارنى تۈر باشلاش مەبلىغى، ئەزالىققا تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇپ بەلگىلەنگەن تاۋارنى سېتىۋېلىش ياكى مەبلەغ سېلىپ پاي قوشۇشقا قىزىقتۇرۇپ، مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن ياكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ «مۈلۈك توڭلىتىشنى بىكار قىلىش يىغىنى»غا قاتناشسىلا مەبلەغ سالغۇچىغا زور سوممىدا پايدا قايتىدۇ، دەپ يالغان ئېيتىپ، پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. بۇ خىل جىنايەت خەلق ئاممىسىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ج خ مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ يول ئېچىشى، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىشى ئارقىلىق تېز زەربە بېرىش، تۈزەش يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغاپ، «ياشانغانلارنى بېقىش، بالىلارنى تەربىيەلەش»، «تيەنشىن مۆھۈرى» قاتارلىق بىر تۈركۈم زور مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرىدىكى ئالدامچىلىق دېلولىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلدى.ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج خ ئورگانلىرى كەڭ خەلق ئاممىسىغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، دۆلىتىمىزدە مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرىدىكى ھېچقانداق تۈر ۋە تەشكىلات يوق، ئالدامچىلىقنى تونۇپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئېڭىڭلارنى كۈچەيتىپ، ئالدىنىپ قالماسلىقىڭلارنى سورايمىز. ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش تۈرىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تارقاتقان، قۇتراتقان، تەشۋىق قىلغان ياكى ئەزا قوبۇل قىلغان، كىشىلەرنى قانۇنسىز يىغىلىشقا تەشكىللىگەنلەرنىڭ ھەممىسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلىدۇ، ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئەگەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يىپ ئۇچى بايقالسا، دەرھال ج خ ئورگىنىغا پاش قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ