مۇھىم خەۋەرلەر

پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم

2023.04.12 00:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىچىك نەرسە ئىچىگە زور يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يوشۇرۇنغان. بىر سىيرىتما، ئىككى پارچە چىشتىن تەركىب تاپقان كىچىككىنە بىر تال سىيرىتما 108 ئىش تەرتىپىگە چېتىلىدۇ، 14 بىرىنچى دەرىجىلىك پەن، 44 ئىككىنچى دەرىجىلىك پەنگە چېتىلىدۇ. فۇجيەن جىنجياڭدىكى بىر سىيرىتما كارخانىسى ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ماتېرىيالنى قوللىنىش، بېسىپ قۇيۇش ھۈنەر-سەنئىتى، بوياش-رەتلەش تېخنىكىسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقئارا بىرىنچى سەپتىكى ئاياغ كىيىم ماركىسى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىشىكىنى ئاچتى، ئۇنىڭ قارمىقىدىكى مەھسۇلاتلار ھەتتا ئالەم قاتنىشى كىيىمىگە ئىشلىتىلدى. «باھادا بەسلىشىش»تىن «پەن-تېخنىكىدا بەسلىشىش»كىچە بۇنداق يېڭىلىق يارىتىش ھېكايىلىرى كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك. ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشكە تايىنىپ، بىر شىركەتنىڭ ساپال يېڭى ماتېرىيالى يانفون، ئاپتوموبىل قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مۇھىم دېتالىغا ئايلاندى؛ 452 ھۈنەر-سەنئەت قىيىن مەسىلىسى، 175 ئۈسكۈنە قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، بۇ شىركەت «قول بىلەن يىرتىدىغان پولات»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، كارخانىغا يېڭى پايدا ئېشىش نۇقتىسى يارىتىپ بەردى... جانلىق مىساللار بىزگە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كارخانىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە بازاردا غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن. كارخانا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سۇبيېكتى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان جەڭگىۋار قوشۇن. كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى تايانچ كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىك، تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرسەك، بىز چوقۇم يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ