مۇھىم خەۋەرلەر

«چوڭقۇر دېڭىز 1-نومۇر» يىراقتىن تىزگىنلەپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈردى

تەيفېڭ بورىنى مەزگىلىدە نېفىت-گاز ئېچىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ

2023.04.12 00:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، «چوڭقۇر دېڭىز 1-نومۇر» دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر گازلىق يىراق مۇساپىلىك يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىش ۋە تەڭشەش خىزمىتىنى تاماملىغان، تەيفېڭ بورىنى مەزگىلىدە نېفىت-گاز ئېچىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى ساقلاپ، ئۇدا بىخەتەر، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى يىراقتىن تىزگىنلەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى چوڭقۇر يېرىم چۆكمە شەكىللىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش سۇپىسى بولۇپ قالغان، بۇنىڭ بىلەن ھەر يىلى تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنى 60 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

  «چوڭقۇر دېڭىز 1-نومۇر» چوڭ گازلىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەشغۇلات چوڭقۇرلۇقى 1500 مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ ياسىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى 100 مىڭ توننىلىق چوڭقۇر سۇدا يېرىم چۆكۈش شەكلىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش-ساقلاش سۇپىسى بولغان «چوڭقۇر دېڭىز 1-نومۇر» ئېنېرگىيە پونكىتىنى يۈرۈشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، يىللىق گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ