مۇھىم خەۋەرلەر

يەتتە كەسپىي پۇتبول كۇلۇبىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇش سالاھىيىتى بىكار قىلىندى

2023.04.11 14:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ بىر ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يەتتە كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى جۇڭگو پۇتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى تارىخىدىن رەسمىي خوشلاشتى.

  4-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋۇخەن چاڭجياڭ پۇتبول كۇلۇبى، گۇاڭجوۋ شەھىرى پۇتبول كۇلۇبى، خېبېي پۇتبول كۇلۇبى، شەنشى چاڭئەن ماھارەت پۇتبول كۇلۇبى، بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى پۇتبول كۇلۇبى، زىبو پۇتبول كۇلۇبى، شىنجاڭ تيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەييارلىق گۇرۇپپىسى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى تاراتقۇلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش يىغىنى ئاچقان ھەم يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو پۇتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە كىرىش ئىجازىتى تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، 48 كەسپىي كۇلۇب يېڭى مۇسابىقە پەسلىگە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

  شۇ چاغدا يىغىندا: 2023-يىلى جەمئىي سەككىز كەسپىي توپ كوماندىسىنىڭ ئىجازەت سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى جاكارلانغان، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا گۇاڭجۇ شەھىرى پۇتبول كۇلۇبى، كۇنشەن كوماندىسى، خېبېي كوماندىسى، ۋۇخەن چاڭجياڭ پۇتبول كۇلۇبى، شەنشى چاڭئەن ماھارەت پۇتبول كۇلۇبى، زىبو پۇتبول كۇلۇبى، بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى پۇتبول كۇلۇبى، شىنجاڭ تيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتە كۇلۇب بۇ قېتىمقى رويخەتكە ئېلىش سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تىزىملىكىدە پەيدا بولدى.

  ئۇلارنىڭ ئىچىدە، خېبېي كوماندىسى ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرمىدى، ۋۇخەن چاڭجياڭ پۇتبول كۇلۇبى ۋە شىنجاڭ تيانشان يىلپىزى چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، گۇاڭجوۋ شەھىرى پۇتبول كۇلۇبى، شەنشى چاڭئەن ماھارەت پۇتبول كۇلۇبى، زىبو پۇتبول كۇلۇبى، بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسى پۇتبول كۇلۇبى ئەڭ ئاخىرىدا ئىجازەتتىن ئۆتەلمىدى.

  يۇقىرىقى ئىش ھەققىنى نىسى قالدۇرۇش ئەھۋالى بار كۇلۇبلارغا ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىمقى تىزىملىكتىكى كۇنشەن كوماندىسىدا ئىش ھەققىنى نىسى قالدۇرۇش مەسىلىسى مەۋجۇت بولمىسىمۇ ئىجازەت سالاھىيىتىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كەچتى.

  ئىش ھەققىنى نىسى قالدۇرۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنماي، رويىخەتكە ئالدۇرۇش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان يەتتە كۇلۇب ئىچىدە، نۇرغۇن كوماندىلار بۇرۇن قېپقالغان تارىخىي قەرزنى ھەل قىلالماي، ئامالسىز چېكىنىپ چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ