ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «ئاچكۆز چىۋىن»، «چىرىگەن چۈمۈلە» ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل فاڭ لىڭمىن: «گۇاڭشىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىدىكى چىرىكلىكنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تۈرلەرگە قول تىقىش، ئاممىنىڭ نەرسىلىرىنى يېيىش، سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلىش، مەنپەئەت تەلەپ قىلىش، قەستەن تەڭقىسلىقتا قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي جازالاپ، تىپىك دېلولارنى چىڭ تۇتۇپ تۈزەش كېرەك»، دېدى.
ۋەكىل فاڭ لىڭمىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، خىزمەتتىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ تۈزىتىپ، پارتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاك يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ